23.03.2023
بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيەگە قانىلىدا قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى ئۈستىدە توختىلىپ، «رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا مۇرەسسەچى دۆلەت ئورنىدا كۆرسەتكىلى بولىدىغان بىردىنبىر دۆلەت تۈركىيەدۇر. بىز بۇ جەھەتتە ئاللىقاچان دۇنيادا قوبۇل قىلىنغان بىر دۆلەت بولدۇق. قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ھەممەيلەننىڭ ئاغزىدا» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
«‹ستار› گېزىتى»تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىن چېكىنىشى ۋە غەربىي قىرغاقتىكى قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلارنى تارقاقلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قانۇنغا بىر قىسىم ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش پىلانىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
«‹ساباھ› گېزىتى»، تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان <ASELSAN> نىڭ سۇ ئاستى مۇداپىئە سىستېمىسىدىكى تەجرىبىسى بىلەن تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى ئۈچۈن سۇ ئاستىدىن نىشانغا قاراپ ئۈن-تىنسىز ئىلگىرىلەيدىغان «سۇ ئاستى ئاپتوماتىك ئاپتوموبىلى» ياساپ چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، ئىستانبۇل ئايرودورۇمىنىڭ 2021 - ۋە 2022 - يىلدىن كېيىن بۇ يىلمۇ دۇنيا ئاۋىئاتسىيە سانائىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ژۇرناللىرىدىن بىر بولغان «ئاۋىئاتسىيە تىرانسىپورت مۇكاپاتى» ژۇرنىلىدا. «بۇ يىلنىڭ ئەڭ ئىلغار ئايرودورومى» بولۇپ تاللانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، 2021 - يىلى ئەنگلىيە ئالىي پۇتبول بىرلەشمىسى ئارسېنال كوماندىسىدىن فەنەرباھچە كوماندىسىغا يۆتكەلگەن ۋە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم باشاقشەھىر كوماندىسىدا توپ تەپكەن مەسۇت ئۆزىلنىڭ ئاكتىپ پۇتبولچىلىقنى تاشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.