22.03.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1963484
22.03.2023

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ» گېزىتى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پايتەخت ئەنقەرەدە ئىراق باش مىنىستىرى مۇھەممەد شىيا سۇدانى بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىكى سۆزىدە، بەسرەدىن تۈركىيەگىچە سوزۇلىدىغان تەرەققىيات يولى تۈرىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «مەن تەرەققىيات يولى تۈرىنى رايونىمىزنىڭ يېڭى يىپەك يولىغا ئايلاندۇرىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىسھاق ھېرزوگ بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھۇجۇم ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدىن كۈچلۈك ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە مەسجىدى ئەقسانىڭ تارىخىي ئورنى ۋە مەنىۋىيى سالاھىيىتىگە قارشى ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ۋە تەھدىت سېلىشلارغا يول قويماسلىقنىڭ موھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى يازدى.

«ھۈررىيەت» گېزىتى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ 14 – مايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلاملاردا جۇمھۇر رەئىس كاندىداتىلىق ئىلتىماسىنىڭ  سۇنۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى؛ گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، جۇمھۇر ئىتتىپاقىنىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ۋەكىللىرى ئەردوغاننىڭ جۇمھۇر رەئىسلىككە كاندىدات بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىلتىماسنى ئالىي سايلام ئورگىنىغا بىرلىكتە سۇنغان.

يېڭى شەپەق گېزىتى، رامىزان ھەققىدىكى خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

 «11 ئاينىڭ سۇلتانى رامىزاننىڭ باشلىنىشىغا بىر كۈن قالدى. مىليونلىغان مۇسۇلمان بۈگۈن كەچتە تۇنجى تاراۋىھ نامىزىنى ئوقۇيدۇ، كەچتە تۇنجى سوھۇرلۇقنى يەپ روزا تۇتۇشنى باشلايدۇ. تەقەززالىق بىلەن كۈتۈلگەن بۇ مۇبارەك مۇھىت ئۈچۈن جامىلەرمۇ تەييار. ئىستانبۇلنىڭ مەنىۋىي مەركەزلىرى بولغان ئاياسوفىيە ۋە ئەيۇپ سۇلتان جەمىلىرى ئەتىرگۈل سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ رامىزانغا تەييارلاندى».

خەبەر تۈرك گېزىتى،  مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئېرسوينىڭ 200 دۆلەتتە تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە تۈكىيەگە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «بىز ساياھەتچىلەر سانىنى 60 مىليونغا يەتكۈزۈش  نىشانىمىزنى ساقلاپ كەلدۈق. 2028 - يىلى ساياھەت كىرىمىمىزنى 100 مىليارد دوللاغا يەتكۈزۈش نىشانىمىز بار» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر