21.03.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم ىەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1962825
21.03.2023

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىدە 104 مىليارد دوللار ئىقتىسادىي زىيان كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئاپەتتە ۋەيران بولغان بارلىق شەھەرلەرنىڭ قايتىدىن قۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «مەقسىتىمىز بىر يىلدا يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىنىڭ پۈتكۈل ئېھتىياجىنى قامدىيالايدىغان ساندا بىنالارنى سېلىش» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ساباھ  گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيەدە يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىگە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن بىريۇسسېلدىكى پائالىيەتكە سىن ئارقىلىق قاتناشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، «بۇ قىيىن كۈنلەردە بارلىق دوستلىرىمىزنىڭ ئىدارە-ئورگانلىرى، ئەزا ۋە نامزات ئەزالىرى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى، ب د ت ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار نامايان قىلغان ھەمكارلىقنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمىز» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ستار گېزىتى»، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا فوندېرلېيېننىڭ، «ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى يەر تەۋەرش ئاپەتلىرىدىن كېيىن قايتىدىن قۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن تۈركىيەگە 1 مىليارد ياۋرو ياردەم قىلىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئۇرسۇلا خانىمنىڭ تۈركىيە ۋە سۈرىيەدىكى ئاپەت رايونلىرى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنى تېخىمۇ كۆپ ياردەم قىلىشقا چاقىرغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىدە ۋە گىرېتسىيەدە يۈز بەرگەن پويىز ۋەقەسىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىقنى نامايان قىلغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، چاۋۇشئوغلۇنىڭ بۇلارنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگىمۇ تەسىر قىلغانلىقىنى ۋە پات ئارىدا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ كۆرۈشۈشى توغرىسىدا ئوخشاش پىكىرگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ، گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دېندىياسنى تۈركىيەدە كۈتۈۋېلىشتىن خۇشاللىق ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىلى توگ (Togg) نىڭ ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئېلېكترونلۇق يەرمەنكىسى «CES 2023» تە ئەڭ ياخشى تۆتىنچى ماركا بولۇپ باھالانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.        



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر