17.03.2023
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خابەرتۈرك» گېزىتى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)دىكى پارتىيە گۇرۇپپىلىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى جۇمھۇر رەئىس نامزاتلىقىغا كۆرسىتىش توغرىسىدا قارار ماقۇللىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
«ھۆررىيەت» گېزىتى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى پەۋقۇلئاددە باشلىقلار يىغىنىدا تۈرك دۇنياسى رەھبەرلىرىگە خىتاب قىلىپ، تۈرك دۇنياسىنىڭ 6-فېۋرالدىكى يەر تەۋرەشتە تۈركىيەگە تۇنجى بولۇپ ياردەم بەرگەنلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا: «سۆيۈملۈك خەلقىمىز سىلەرنىڭ قوللىشىڭلارنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.
«ستار» گېزىتى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانى سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتۇرۇپ كېلىش تىرىشچانلىقىنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي بىلەن قەرەللىك ئالاقىلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز مۇرەسسە قىلغان قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمى ۋە كەڭ دائىرىلىك ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىملىرى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق پىكىرگە كېلەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى» دېگەنلىكىنى يازدى.
«يېڭى شەپەق» گېزىتى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ پەۋقۇلئاددە باشلىقلار يىغىنىدا بايانات بېرىپ، تۈركىيەنىڭ رايوندىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سۆزى ئۆتىدىغان بىر دۆلەتكە، بىر كۈچ مەركىزىگە ئايلانغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.
«ساباھ» گېزىتى: تۈركىيەنىڭ توكلۇق ماشىنىسى — توگگ (Togg) نىڭ تۇنجى مودېلى T10X ، C-SUV نىڭ مۇساپە، باتارىيە ۋە باھا ئەۋزەللىكى جەھەتتە خىتاي، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياۋروپا ماركىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مودېللارنى ئارقىدا قالدۇرغانلىقىنى يازدى.
گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، توگگ T10X نىڭ ئېكرانىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى كونترول قىلىش، ساياھەت پىلانى تۈزۈش ۋە توردىن مال سېتىۋېلىش قاتارلىقلار ئالاھىدىلىكلەر بار ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

24.03.2023
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە: