31.01.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1939995
31.01.2023

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق گېزىتى»، رۇسىيە كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋنىڭ، «پۇتىن بىلەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مۇناسىۋىتى ئالاھىدە. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۆزئارا ئىشىنىشكە، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشقا ۋە مەسئۇلىيىتىگە ئەمەل قىلىشقا تايانغان» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى ئۈستىدە توختىلىپ: «مېنىڭچە، مەسىلىسى جىق بىر دۆلەت بىلەن مەسىلىسى ئاز دۆلەتنى ئايرىش كېرەك دەپ قارايمەن. بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ناتو مۇشۇنداق قارار چىقارسا، بۇنى ئايرىم-ئايرىم ئويلىشىمىز. جۇمھۇر رەئىسىمىزمۇ فىنلاندىيەنى شىۋېتسىيەگە نىسبەتەن ئايرىم ئويلىشىمىز، دەۋاتىدۇ » دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە ساھەسىدىكى ئېمبارگولارغا، يەرلىك سىستېمىلار بىلەن جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، كانادادىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ۋە كېيىنچە ئېمبارگو قويۇلغان يەرلىك تىك ئۇچار بايقاش ۋە يۆتكەش سىستېمىسىنىڭ ياسالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ساباھ گېزىتى»، فاتىھ بۇرغىلاش پاراخوتىنىڭ ساكاريا گاز مەشغۇلات رايونىدىكى «2-ئاماسرا» قۇدۇقىدا بۇرغىلاشنى باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر