27.01.2023
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
1938653

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خابەرتۈرك» گېزىتى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكنىڭ، بىر قىسىم غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ سىستېمىلىق ھالدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «بىر قىسىم غەرب تاراتقۇلىرى ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ تاشقى سىياسەتتىكى مۇستەقىل ۋە پىرىنسىپال لىنىيەسىدىن بىئارام ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرى مەتبۇئات – تارقىتىش پائالىيىتى ئەمەس، بەلكى ئىپتىدائىي شەكىلدىكى تەتۇر تەشۋىقاتتۇر» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.