25.01.2023
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىرقچى سىياسەتچى راسمۇس پالۇدان قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، «بىزدىن ناتو مەسىلىسىدە قوللاشنى كۆرەلمەيسىلەر» دېگەن سۆزلىرىنىڭ، دۇنيا ئاخبارات ۋاستىلىرىدە باش سەرلەۋھىدە خەۋەر قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
«خەبەر تۈرك گېزىتى»، گوللاندىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، «گوللاندىيەنىڭ لاھەي شەھىرىدە ئىسلام دۈشمىنى بولغان بىر كىشىنىڭ مۇقەددەس كىتابىمىز بولغان قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى قاتتىق لەنەتلەيمىز» دېيىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
«ساباھ گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم قالىننىڭ گوللاندىيەدە قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان ھۇجۇم ئۈستىدە توختىلىپ: «بۇ خىل فاشىستىك ئۆچمەنلىك جىنايىتىنى ھېچكىم ئەركىنلىك ۋە كەڭ قورساقلىق دەپ ئاقلىيالمايدۇ. ياۋروپا بۇ قاراڭغۇ يۈزلىنىشكە <توختا> دېيىشى كېرەك» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
«ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭ «پەنجە-كىلىت ھەربىي ھەرىكىتى» دە مۇئەييەن سەۋىيەگە يېتىپ كېلىنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ رايونىنىڭ كۆپ قىسمى تېررورىستلاردىن تازىلاندى. بۇ ھەرىكەت بىلەن، ئىراق چېگراسى بويىچە 302 كىلومېتىرلىق لىنيە بىخەتەرلىككە ئىگە بولدى، 506 تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.