24.01.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ بقىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1937043
24.01.2023

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن (23-يانۋار) كابېنت يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قۇرئان كەرىم كۆيدۈرۈلگەن پەسكەش ھەرىكەتكە كۆز يۇمغان شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، «شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى ھەق-ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەرگە ھۆرمەت قىلىدىغان بولسا، ئالدى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر ھۆرمەت قىلمىساڭلار، رەنجىمىگەيسىلەركى بىزدىن ناتو مەسىلىسىدە ھېچقانداق قوللىشىمىزنى كۆرەلمەيسىلەر» دېگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

«ستار گېزىتى»، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستانبۇلدا پەۋقۇلئاددە بىر يىغىن چاقىرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ياۋروپا ئىتتپاقى تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى نىكولاۋۇس مېيېر لەندرۇتنىڭ (Nikolaus Meyer-Landrut) ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىغا بىر يىل بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، 22- فېۋرالدا (2023) ئىستانبۇلدا پەۋقۇلئاددە بىر يىغىن ئۇيۇشۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ۋەتەن گېزىتى»، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەزنىڭ تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، «قارا دېڭىزنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدا ئېنېرگىيە بازىسى بىنا قىلدۇق، شۇڭا ئالاھىدە كېمىلەرگە ئېھتىياجلىقمىز. بىز <مۇكاۋەمەت> دەپ ئاتايدىغان كېمە دېڭىز ئاستىدىكى خىزمەتلەرنى قىلىش ئۈچۈن كېمە ئەترىتىمىزگە قېتىلدى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسىنىڭ، تۈركىيەنىڭ 2022-يىلى شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قىلغان مال ئېكسپورتىنىڭ 2021-يىلغا سېلىشتۇرۇلغاندا %55.1 ئېشىپ 13 مىليارد 148 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي بانكاسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئىستېمالچىلار ئىشەنچ ئىندېكسىنىڭ يانۋار (2023) ئېيىدا 79.1 بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، 2022-يىلى دېكابىردا بۇ ساننىڭ 75.6 ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر