17.01.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1933633
17.01.2023

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ۋەتەن گېزىتى»، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ «F-16» ئايروپىلانى توغرىسىدا ھەر سەۋىيەدە كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ، « F-16ئايروپىلانلىرى توغرىسىدا ھەربىي مۇزاكىرەلەر ئاخىرلاشتى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ توغرىدىكى ماتېرىياللارنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئەۋەتتى. ھۆكۈمەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق غەيرى رەسمىي ھالدا  كونگرەگە ئۇقتۇردى. كونگرەدىن نارازىلىق بولمىسا، رەسمىيەتلەر ئاخىرلاشقان بولىدۇ ۋە رەسمىي ئۇقتۇرۇشقا ئايلىنىدۇ. ھۆكۈمەت بىلەن ھەر سەۋىيەدە كېلىشىم تۈزۈلدى» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ستار گېزىتى»، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بىسېرا تۈركوۋىج تۈنۈگۈن (16-يانۋار) ئېلان قىلغان باياناتىدا، «تۈركىيە بولمىسا ئىدى، غەربىي بالقان رايونىدا تىنچلىق بولمايتتى. تۈركىيە بولمىغان بولسا، نېمە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا چوڭ سوئال بەلگىسى بولاتتى، چۈنكى تۈركىيە كۈچلۈك دۆلەت» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، گىرېتسىيە تاراتقۇلىرىدا تۈركىيەنىڭ «تۆمۈر قۇببە لايىھەسى» نىڭ مۇنازىرە تېمىسى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تۈركىيەنىڭ ھاۋا قالقان سىستېمىسى توغرىسىدا ماقالە يازغان گىرېتسىيەلىك بىر يازغۇچىنىڭ، «ئەردوغاننىڭ بىر كېچە تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كېلىمىز، دېگەن سۆزى بىكار ئېيتىلغان ئەمەس، خالىسا بىر سائەت ئىچىدە گىرېتسىيەگە كېلىدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، ئانتالياغا 2023-يىلنىڭ دەسلەپكى 15 كۈنىدە 118 مىڭ 762 ساياھەتچىنىڭ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، شەھەرگە ئەڭ كۆپ كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ رۇسىيەلىكلەر ئىكەنلىكى، ئىسىرائىلىيەلىك ساياھەتچىلەر سانىدىمۇ ئېشىش كۆرۈلگەنلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر