07.12.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1915708
07.12.2022

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «ئەردوغان، <تۈركىيە ئۆزىنىڭ قارارلىرىنى ئۆزى چىقىرالايدىغان بىر دۆلەتكە ئايلاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆزىنىڭ قارارلىرىنى ئۆزى چىقىرالايدىغان بىر دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىزنىڭ ئېكىسپورتى كۆپەيدى، يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەدە قۇدرەت تېپىش باسقۇچى باشلاندى. ھازىر تۈركىيە دۇنيادىكى 3 چوڭ دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى  قاتاردىن ئورۇن ئالماقتا.»

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «ئەردوغان ياۋروپا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك رەھبەر» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

Burson Cohn and Wolfe قا ئائىت دىگىتال دىپلوماتىيە تەتقىقات ئورگىنى Twiplomacy تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان «Twitter دىكى ئەڭ كۈچلۈك رەھبەرلەر» تەتقىقاتىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سەھىپىسى، 2022-يىلى 2 رەت يۇقىرى ئۆرلەپ، دۇنيادىكى ئۈچىنچى كۈچلۈك Twitter سەھىپىسىگە ئايلاندى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەردوغان، ياۋروپادىكى ئەڭ كۈچلۈك سىياسىي رەھبەر بولۇش ئۇنۋانىنى ساقلاپ قالدى.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «ئەردوغان، <ھېچكىم تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننى بىر – بىرىدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان،  «قېرىنداش مۇشتى» ناملىق تۈركىيە – ئەزەربەيجان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلىشىشىدىن كېيىن، يانفۇن ئارقىلىق خىتاب قىلغان ئىككى دۆلەت ئەسكەرلىرىنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ مانېۋىر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىز بىر-بىرىمىز بىلەن خۇددى گۆش بىلەن سۆڭەككە ئوخشايمىز. ھېچكىم بىزنى بىر-بىرىمىزدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ.»

«‹ستار› گېزىتى»، «ئەزەربەيجان تۈركىيە ئارمىيەسى مودېلىغا ئۆتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھەسەنوۋ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئارمىيەلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسى مودېلىغا ئۆتۈشى مەسىلىسىدە ئىسلاھاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «چاۋۇشئوغلۇ گىرېتسىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، گىرېتسىيەنىڭ جىددىيچىلىكنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىش تەشەببۇسلىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

ئۇ، گىرېتسىيەنىڭ قورالسىزلاندۇرۇلغان ئاراللارنىڭ سالاھىيىتىنى دەپسەندە قىلىشتىن ۋاز كېچىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «يا گىرېتسىيە بۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ، كېلىشىملەرگە رىئايە قىلىدۇ، ياكى بىز كۈتۈلمىگەندە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر