06.12.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1915159
06.12.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ستار گېزىتى»، مەزكۇر گېزىتنىڭ باش مۇھەررىرى نۇھ ئالبايراكنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ياۋروپانىڭ ھازىر تۈركىيەنىڭ ئەتراپىدا چۆرگىلەۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ياۋروپانىڭ ئاشلىق كارىدورى ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقلىرىغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك كۈچىگە ئېھتىياجلىق» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، ئابدۇلھەمىدخان بۇرغىلاش پاراخوتىنىڭ ئاقدېڭىزدىكى «1-تاشئۇجۇ» قۇدۇقىدا بۇرغىلاشنى باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تۈركىيە نېفىت شىركىتى تۋىتتېر ئادرېسىدا بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، «مۇستەقىل ئېنېرگىيە، كۈچلۈك تۈركىيە نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمىز» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ باكۇ، ئاستارا، جەبرايىل ۋە ئىمىشلى ۋىلايەتلىرىدە بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، مانېۋىرغا، قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرى، ئالاھىدە قىسىملار، ئىستېھكام قىسىملىرى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە زەمبىرەكچىلەر قىسىملىرىنىڭ قاتناشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى ھەربىي ھەرىكەت ئۈچۈن بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا، كىلىسنىڭ قارشى تەرىپىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ي پ گ ئىشغالىدىكى رايونلاردىن قېچىشلارنىڭ باشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ي پ گ نىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى زېمىنلاردىن تۈركىيە چېگراسىغا قوغلانغان يۈز مىڭلارچە كىشىنىڭ ئازەز، شەھبا ۋە تېل رىفاتتىكى يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىش ئۈچۈن قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر