05.12.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1914607
05.12.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ، ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن ئاشلىق يۆتكەش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىۋاتقانلىقىنى، يۆتكەلگەن ئاشلىق مىقدارىنىڭ 13 مىليون توننىدىن ئاشقانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى يازدى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مۇستاپا ۋارانكنىڭ، ماشىنا ئوت ئالدۇرۇش زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىزمىردىكى خەلقئارا بىر شىركەتنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ: «تۈركىيە ئېلېكتىرلەشتۈرۈش جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولىدۇ. بىز بۇ يەردىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا مەھسۇلاتلىرىمىزنى ساتىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيەدىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلارمۇ كېرەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى بۇ يەردىن سېتىۋېلىشقا باشلايدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار» گېزىتى: دۇنيا تاراتقۇلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ سىناق قىلىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويغان تۇنجى ئۇچقۇچىسىز ئۇرۇش ئايروپىلانى ­— بايراقتار قىزىلئالمانى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى يازدى؛ گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا تاراتقۇلىرى، چاقلىرىنى يىغىش سىنىقىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن قىزىلئەلمانىڭ پات يېقىندا تۇنجى ئۇچۇشىنى باشلايدىغانلىقى مۆلچەرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

«خابەرتۈرك» گېزىتى: نويابىر ئېيىدا تۈركىيەنىڭ تۈرك لىراسى بىلەن قىلغان ئېكسپورتىنىڭ ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %114 ئېشىپ، 15 مىليارد 679 مىليون لىراغا يەتكەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«ھۈررىيەت» گېزىتى: ياۋروپادىكى ئايرودۇرۇملار ئىچىدە كۈتۈۋالغان مېھمان سانى جەھەتتە يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان بىرىنچىلىكنى ساقلاپ كەلگەن ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىنىڭ، 2022 – يىلى 25 – نويابىردىن 1 – دېكابىرغىچە ھەر كۈنى ئوتتۇرىچە 1210 نۆۋەتچى ئايروپىلان سەپىرى بىلەن ياۋروپانىڭ ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇمىغا ئايلانغانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر