02.12.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1913810
02.12.2022

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «ئەردوغاندىن مەبلەغ سالغۇچىلارغا چاقىرىق» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 2022 – يىللىق ئۈچىنچى پەسىلدىكى ئېشىش رەقەملىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ توغرا يۆنىلىشتە مېڭىۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ روشەن  نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۇنيانىڭ قايسى يېرىگە بارايلى، بىز ھەردائىم كەسپداشلىرىمىزغا <كېلىڭلار، بىرلىكتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنايلى> دەيمىز. ئىشلەپچىقىرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئېكسپورت قىلىش ئارقىلىق دۆلىتىمىزگە تۆھپە قوشماقچى بولغان ھەممە كىشىگە ئوخشاش چاقىرىقتا بولىمىز.»

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قۇرۇقلۇق ھەربىي ھەرىكىتى ھەققىدە باياننامە ئېلان  قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە چاقىرىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياننامىدە، مۇنداق دېيىلدى: «يىغىندا، رايونىمىزدا ھەرقانداق بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە پائالىيىتىگە يول قويۇلمايدىغانلىقى، ھەمدە ھەر بىر زۆرۈر قەدەمنىڭ چوقۇم تاشلىنىدىغانلىقى تەكىتلەندى.»

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «ئاقار ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك/ي پ گ  توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك/ي پ گ نىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى پۇقرالار نىشان قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە،  دائېشقا قارشى كۈرەش باھانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانداق سەۋەب بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، قولى بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قانلىرى بىلەن بويالغان بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى بولغان، چېگرا لىنىيەلىرىمىزگە ۋە خەلقىمىزگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك/ي پ گ نى قوللىماسلىقى،  تېررورچىلارنىڭ ئۇلارنى ئايرىشنى قىيىنلاشتۇرىدىغان بايراق ۋە فورمىلارنى ئىشلىتىشىگە يول قويماسلىقى، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق رايونلاردىن تېررورچىلارنى ئۇزاق تۇتۇشلىرى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى دەرھال ئۈزۈشى توغرۇلۇق ئەسكەرتىش ھەم ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلمەكتە.»

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «ئامېرىكا ئەسكەرلىرى چېكىنگەندىن كېيىن، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك قاچماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىغا قارىتا ئېلىپ بارغۇسى قۇرۇقلۇق ھەربىي ھەرىكىتى ھارپىسىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى «س د گ» دەپ ئاتىغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان چارلاش ھەرىكەتلىرىنى ئازايتتى. رايوندىكى ئامېرىكالىق دىپلوماتلار ۋە پۇقراۋى خادىملار ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىگە ئۆتۈپ كەتتى. بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سېپىدە يىمىرىلىش باسقۇچى تېزلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، كاتتىباشلىرى تەشكىلاتنىڭ پۇلىنى ئوغرىلاپ قېچىشقا باشلىدى.

«‹ستار› گېزىتى»، «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تۈركىيەسىز ياشىيالمايدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا چىقىدىغان «‹ Foreign Policy› ژۇرنىلى» دا، تۈركىيەنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيە بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا يولغا قويۇۋاتقان دىپلوماتىيەسى ھەققىدە ئانالىز ئېلان قىلىندى. ژۇرنال، ياۋروپالىق ۋە ئامېرىكالىق سىياسىيونلارنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەسىز ياشىيالمايدىغانلىقى توغرىسىدا بىردەك قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر