01.12.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1913369
01.12.2022

«ھۆرىيەت گېزىتى»، «ئەردوغان، <تۈركىيە ئىقتىسادىي ئېشىشتا رېكور يارىتىدۇ> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشلىغان «تۈركىيە ئەسرى» پروگراممىسى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىلى بولغان 2023 – يىلىغا ئۇلۇغ ئارزۇ ۋە ھاياجان بىلەن قەدەم قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى. تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ 2022 - يىلىنىڭ ئۈچىنچى چارىكىدە %3.9 ئاشقانلىقىنى بايان قىلغان ئەردوغان: «ئىنشائاللاھ بىز 2022 - يىلىنى رېكورت سەۋىيەلىك ئېشىش بىلەن تاماملاپ، 2023 - يىلىنى ياخشى بىر كىرىش بىلەن باشلايمىز» دېدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، «چاۋۇشئوغلۇ ھەربىي ھەرىكەت ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ي پ گ غا قارشى قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىگە توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنۇشلار بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بىز كېرەكلىك جاۋابنى بەردۇق، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلاردىن قوللاشنى كۈتمەكتىمىز» دېدى.

«ساباھ گېزىتى»، «ئاقار: <ھەربىي ھەرىكەتتىكى بىردىنبىر نىشان تېررورچىلاردۇر> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد جامىس ئوستىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. مىنىستىر ئاقار سۈرىيەنىڭ شىمالىدا قانۇنلۇق ئۆزىنى قوغداش دائىرىسىدە تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. خۇلۇسى ئاقار دائېش ۋە باشقا بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھەرىكەتلەردىكى بىردىنبىر نىشاننىڭ تېررورچىلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، «رۇسىيەپ ك ك/ي پ گ غا <چېكىنڭلار، بولمىسا تۈركلەر توختىمايدۇ> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

سۈرىيەدە بۇلۇڭغا قىستالغان پ ك ك/ي پ گ رۇسىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە. رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى قوماندانى ئالېكساندىر چايكو تۈركىيەنى توسۇپ قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولىنىڭ پ ك ك/ي پ گ نىڭ كوبانى (ئاينەل ئەرەب)، مانبىج ۋە تېل رىفاتتىن چىقىپ كېتىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. چايكو پ ك ك/ي پ گ غا «ئەگەر تۈركىيە ھەرىكىتىنى باشلىسا، روسىيە توسۇپ قالالمايدۇ» دېدى.

«ستار گېزىتى»، «ئىقرار؛ ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈشنى خالىمايدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

«ئامېرىكا مەسئۇلىيەتچان دۆلەت پاراخوتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدا: «تۈركىيە سۈرىيەدىكى دۈشمەنلىرىنى يىلتىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن ئۇزۇندىن بۇيان مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە چوڭ قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىگە تەييارلىق قىلماقتا» دېيىلدى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى ئىختىلاپلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئىتتىپاقداش دەپ قارايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن ماقالىدا يەنە: «ئاقساراي ھازىر تۈركىيەنى غەزەپلەندۈرۈشنى خالىمايدۇ» دېيىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر