30.11.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1912833
30.11.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ۋەتەن گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيە مېھمانسارايلار فېدېراتسىيەلىرى 7-قېتىملىق ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «تۈركىيەنىڭ 2021-يىلى ساياھەتچىلەر سانىدا تۆتىنچى، ساياھەتچىلىك كىرىمىدە سەككىزىنچى رەتكە چىقىشى، بۇ يىل (2022) تېخىمۇ ياخشى نۇقتىغا يېتىدىغانلىقىمىزنىڭ بېشارىتى. ساياھەتچىلىكتىكى رەقىپلىرىمىز دۇنيا خاراكتېرلىك كىرىزىسلەرنىڭ تەسىرىدە كەينىگە چېكىنگەن بىر مەزگىلدە، بىزنىڭ تېخىمۇ تىرىشىپ دۇنيادا بىرىنچى بولۇش يولىمىز ئوچۇق» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن رۇمېنىيە پايتەختى بۇخارېستتىكى «ئاسپېن ئىنىستىتۇتى-گېرمانىيە ۋەخپى فوندى» دا سۆز قىلغاندا، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنىڭ قوشنا دۆلەتلەرگىمۇ تەسىر قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «پەقەت ئەيىبلەش بىلەنلا مەسىلىنى ھەل قىلىغىلى بولمايدۇ. ئادىل بولغان تىنچلىقنىڭ ئورنىتىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان ۋاقىتتىمۇ دىپلوماتىيەنى داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىن» دېگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىننىڭ، سۈرىيەدىكى تېررورلۇق رايونلىرىغا ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن بولغان قۇرۇقلۇق ھەربىي ھەرىكىتى ئۈستىدە توختىلىپ، «ئوخشىمىغان شەكىلدە ھەربىي ھەرىكەتلەر باشلىنىشى مۇمكىن. ئەتە، كېلەر ھەپتە ياكى ھەر قاچان باشلىنىشى مۇمكىن» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، ئىستانبۇل سابىھا گۆكچەن خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ «بلۇ سكاي ئوۋوردىز 2022» (BlueskyAwards2022) نىڭ ئاۋىياتسىيە مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتلىرى كاتېگورىيەسىدە «يىلنىڭ دىجىتال ئايرودۇرۇمى» بولۇپ تاللانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، قاتاردا 20-نويابىر (2022) باشلانغان 2022-يىللىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىنى تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئايروپىلانلىرىدىمۇ كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر