29.11.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلانغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1912302
29.11.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كابېنت يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئېلان قىلغان باياناتىدا، «دۆلىتىمىزنىڭ چېگرالىرىنى 30 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى مۇساپىدىن بىخەتەرلىك لىنيەسى ئارقىلىق قوغداش قارارىمىز، بېشىمىزدىن كەچۈرگەن ھەر بىر ھادىسە بىلەن تېخىمۇ كۈچەيمەكتە» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە يەنە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، «مىڭلارچە كىلومېتىر يىراقلىقتىن كېلىپ، تېررورىست ياكى بىگۇناھ پۇقرا دەپ ئايرىپ ئولتۇرماستىن ھەر جاينى يىقىپ، ۋەيران قىلغانلار، تۈركىيەنىڭ بۇ سەزگۈرلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. بىز ھېچكىمدىن رۇخسەت ئالمايمىز ۋە ھېچكىمگىمۇ ھېساب بەرمەيمىز. نامنى ئۆزگەرتىش ئويۇنلىرى بىلەن رويخەتكە ئېلىنغان تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللىغانلارنىڭ رىياكارلىقىغا چىداپ تۇرۇشقا مەجبۇر ئەمەسمىز» دېگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقى دائىمىي كومتېتى (İSEDAK) 38-قېتىملىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، «ئىسلام دۇنياسى گىرېتسىيەدە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىغا بۇنچىۋالا ئۇزۇنغىچە قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك. گىرېتسىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋەخپىلىرى ۋە مال-مۈلۈكلىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىۋاتىدۇ، ئانا تىلىنى ئۆگىنىشىگە رۇخسەت قىلىنمايۋاتىدۇ، بۇنىڭغا قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرالمايۋاتىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ تۈركىيە-مىسىر مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئالدىمىزدىكى ئايلاردا باش ئەلچى تەيىنلەش ئىشلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى مۇمكىن» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئەمەلگە ئاشۇرغان «فىرات قالقىنى»، «زەيتۇن شېخى» ۋە «تىنچلىق بۇلىقى» ھەربىي ھەرىكەتلىرى بىلەن ئالتە يىلدا 16 مىڭ 913 تېررورىستنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر