28.11.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1911816
28.11.2022

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، «ئەردوغان: <تۈركىيە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ھەق - ھوقۇققا ئىگە> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ چېگرا ھالقىغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قارشى ھەرىكەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئۆز بىخەتەرلىكى ئۈچۈن چېگرا سىرتىدا بەلگىلەنگەن رايونلاردا ھەر خىل بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى، ھېچكىشىنىڭ بۇ ھوقۇققا توسقۇنلۇق قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، «ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى: <تۈركىيەنى توسۇپ قالالايدىغان كۈچ يوق> ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

پ ك ك نىڭ ئىستانبۇل ۋە غازىئانتەپ ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھەرىكىتى ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى ئۇچۇرى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا قىزىق تېما بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ قېتىم پېنسىيەگە چىققان ئىسرائىلىيە ئەسكىرى زىۋى بار «خارېيتز» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئانالىز ماقالىسىدە، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە ھەرىكىتىگە تەييار ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكانىڭ بۇنىڭ ئالدىنى ئالالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«ھۆرىيەت گېزىتى»، «قارا دېڭىز گازىدىن خۇش خەۋەر» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز قارا دېڭىزدىكى ساكاريا تەبىئىي گاز ساھەسى ئىچىدە يەنە بىر قوشنا گاز رايونى بايقاش ئۈچۈن چايجۇما 1 - قۇدۇقىدا بۇرغىلاش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، تۇنجى سانلىق مەلۇماتنىڭ ئىجابىي ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. فاتىھ دۆنمەز چۇكورئوۋا رايونىدا بولسا، ئۈچىنچى نېفىت قۇدۇقىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى ۋە تەخمىنەن 8-10 مىليون ۋارىل نېفىت زاپىسى بارلىقىنى تەكىتلەپ، «سۇ يۈزى سەۋىيەسىدە دېگۈدەك نېفىت بايقىدۇق، بۇ بىر ئامەت» دېدى.

«ستار گېزىتى»، «تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستان ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى: <پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدۇق> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى نۇرەتتىىن نەباتى سەئۇدى ئەرەبىستان سودا مىنىستىرى ماجىد بىن ئابدۇللاھ ئەلقاسابى بىلەن كۆرۈشتى. نۇرەتتىن نەباتى ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي، سودا ۋە پۇل-مۇئامىلە ھەمكارلىقى ئۈستىدە مەخسۇس مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىز مىنىستىر بىلەن ھەمكارلىقىمىزنى مەزكۇر ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ نۇقتىلارغا يەتكۈزۈشتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدۇق» دېدى.

«ساباھ گېزىتى»، «8 - نۆۋەتلىك دۇنيا ھالال مەھسۇلاتلار باشلىقلار يىغىنى ۋە 9 - نۆۋەتلىك ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھالال مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە يەرمەنكىسى ئاخىرلاشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئىستانبۇل يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 8 - نۆۋەتلىك دۇنيا ھالال مەھسۇلاتلار يەرمەنكە يىغىنى ئاخىرلاشتى. تەخمىنەن 40 دۆلەتتىن كەلگەن 500 گە يېقىن شىركەت مۇنبەر ئاچقان ھالال مەھسۇلاتلار يەرمەنكىسىدە بۇ يىل 1 مىليارد ياۋرو سودا سوممىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە. پائالىيەتنى ھازىرغا قەدەر 40 مىڭدىن ئارتۇق يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچى زىيارەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر