25.11.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1910837
25.11.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خابەرتۈرك» گېزىتى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ: «ئوقۇتقۇچىمىزغا قولىنى كۆتۈرگەنلەرنىڭ ھەممە نەرسىسىنى كۇمپەيكۇم قىلىۋېتىمىز. بىز بۇ كۈرەشنى دۆلىتىمىزگە قارىتىلغان تېررورلۇق تەھدىتى پۈتۈنلەي تۈگىگۈچە داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«ستار» گېزىتى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى فۇئات ئوقتاينىڭ تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە بايانات بېرىپ: «بىز خاتايدىن ھاككارىغىچە بولغان جەنۇب چېگرامىزدا تېررورلۇقنىڭ بارلىق ئامىللىرىغا قارشى كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلىكىنى يازدى.

«ساباھ» گېزىتى، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ تۈنۈگۈن فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېككا ھاۋىستو بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئاشلىق كارىدورى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۈررىيەت» گېزىتى، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭ رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ بىلەن تېلېفونلىشىپ، رايونغا مۇناسىۋەتلىك مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى، تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىلى توگگ (TOGG)نى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، 29 – ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمىدا خىزمەت كىرىشتۈرۈلگەن ئاپتوموبىل زاۋۇتىنىڭ 227 – ئاپتوموبىلىنى پۈتكۈزگەنلىكىنى، ئاپتوموبىلنىڭ خەلقئارالىق تېخنىكىلىق لاياقەت سىناقلىرىنىڭ تاماملىنىشى بىلەن، 2023 – يىلى 3 – ئايدا قاتناشقا چىقىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر