24.11.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1910519
24.11.2022

«ھۆرىيەت گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: <تېرورچىلارغا قۇرۇقلۇقتىنمۇ زەربە بېرىمىز> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىدا، «سۈرىيەگە قارىتا يېڭى قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلامدۇ – يوق؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «ھاۋا ھەرىكىتىمىز ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا، بىزگە نىسبەتەن ئەڭ مۇناسىپ بولغان بىر ۋاقىتتا قۇرۇقلۇقتىنمۇ تېرورلۇق ئۇنسۇرلىرىغا زەربە بېرىمىز» دېدى.

«ستار گېزىتى»، «مىنىستىر ئاقار: <ئۇلار تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى بىلەن ھېچقانداق ئويۇن ئويناشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆرىشىدۇ> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار: «پەنچە - قىلىچ ھەرىكىتى، ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن زەبە بېرىش ۋاستىلىرىمىز بىلەن تېررورچىلارنى جازالاشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ھەرىكەتتە ھازىرغا قەدەر 471 نىشان بوماردىمان قىلىندى. 254 تېرورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى. ئۇلار تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى بىلەن ھېچقانداق ئويۇن ئويناشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆرىشىدۇ» دېدى.

«ساباھ گېزىتى»، «يەرلىك ئۇرۇش ئايروپىلانى ئاخىرقى باسقۇچتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى ئىسمائىل دەمىر تۈنۈگۈن تىۋىتتېردا يەرلىك ئۇرۇش ئايروپىلانى توغرىسىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، ئايروپىلاننىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى، پات ئارىدا ئۇچۇشقا باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، «ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ %5.3 ئېشىشىنى مۆلچەرلىمەكتە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا %5.3 ۋە كېلەر يىلى %3 ئېشىشىنى مۆلچەرلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «مىنىستىر مۇش ئېلان قىلدى. 2021 – يىلىدىكى ئېكسپورت ئومۇمىي سومممىز بولغان 225 مىليارد دوللاردىن ئاشتۇق» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

سودا مىنىستىرى مەھمەت «تۈنۈگۈنكى ھېساب بويىچە، بىز 2021 - يىلدىكى ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىمىز بولغان 225 مىليارد 200 مىليون دوللاردىن ئېشىپ كەتتۇق. دۆلىتىمىزگە خەيىرلىك بولغاي» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر