23.11.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1909915
23.11.2022

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «ئەردوغان <تېررورىزمنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتىمىز> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارقامىشقا قىلغان راكېتامىيوت ھۇجۇمى ھەققىدە توختالغاندا، تۈركىيەنى ھەرپ ئويۇنلىرى بىلەن، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش ۋە يانلىرىدا ئەسكەرلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئالدىيالايمىز، دەپ ئويلايدىغانلار ئۈچۈن يولنىڭ ئاخىرى كۆرۈنگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «چېگرا لىنىيەلىرىمىزگە ھۇجۇملار داۋاملىشىۋاتقان جايلاردا بىخەتەرلىك لىنىيەلىرىنى بەرپا قىلىشىمىزغا ھېچكىم توسالغۇ بولالمايدۇ ھەم قارشى چىقالمايدۇ.»

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «مىنىستىر  سويلۇ گېرمانىيەلىك مىنىستىرغا تېررورىزم مەسىلىسىدە نارازىلىق بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشتە تەڭپۇڭ ھالەتتە كۈچ ئىشلىتىش ھەققىدە سۆز قىلغان گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نانسىي فائېسېرغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئىستىقلال كوچىسىدا مەسۇم ئىنسانلار ئۆلتۈرۈلدى. ھالبۇكى، بۇ ئىنسانلارغا تەڭپۇڭ ھالەتتە كۈچ ئىشلىتىلمىدى. <پولشاغا ئىككى بومبا چۈشتى> دەپ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھەرىكەتكە ئۆتتى. ئىنسانلارنى ئۇلار ياشاۋاتقان جۇغراپىيەلەرگە، ئۇلارنىڭ دىنلىرىغا قاراپ مۇئامىلە قىلىش توغرا ئەمەس. ھالبۇكى، كىشىلىك ھەق - ھوقۇق دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە ئىنسانلارغا ئائىتتۇر.»

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «تېررورىزم قۇربانى 5 ياشلىق ھەسەن ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويۇلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

سۈرىيەنىڭ ئەين ئەلئەرەب رايونىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ گازىئانتەپ ۋىلايىتىنىڭ قارقامىش ناھىيەسىدىكى مەكتەپلەرگە قىلغان راكېتامىيوت ھۇجۇمىدا شېھىت بولغان 5 ياشلىق ھەسەن قاراتاش، كۆز ياشلىرى ئىچىدە ئاخرەتكە ئۇزىتىپ قويۇلدى. بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ مەكتەپكە قىلغان ھۇجۇمىدا شېھىت بولغان ئوقۇتقۇچى ئايشەنۇر ئالقانمۇ ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويۇلدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «رۇسىيە ‹پەنجە – قىلىچ› ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ قانۇنىي قوغدىنىش ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋ، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىي قىسىملىرىغا قىلغان تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش ھەربىي ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ سۈرىيەگە قارىتا ئەندىشىلىرىنى چۈشىنىمىز. ‹پەنجە – قىلىچ› ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ قانۇنىي قوغدىنىش ھوقۇقى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز.»

«‹ستار› گېزىتى»، «ماراكەش پادىشاھى 6 – مۇھەممەد تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ماراكەش پادىشاھى 6 – مۇھەممەد، «مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى مۇنبىرى» پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىشى بىلەن بۇ مۇنبەرنىڭ مەدەنىيەتلەر، دىنلار ۋە كۈلتۈرلەر ئارا چۈشىنىش، بىر - بىرىگە ئىشىنىش ۋە دىيالوگ ئۈچۈن كاپالەتنامە سۈپىتىدە قۇرۇلمىلىشىشىدا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان تۈركىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر