22.11.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1909327
22.11.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەقەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يەكشەنبە كۈنى (20-نويابىر) ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ي پ گ غا قارشى باشلانغان پەنجە-قىلىچ ھەرىكىتىدە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنىڭ قىلىنغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇننىڭ گازىئانتەپ ۋىلايىتى كاركامىش ناھىيەسىگە قىلىنغان راكېتامىيوت ھۇجۇمى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، فاھرەتتىن ئالتۇننىڭ، «خەۋپسىزلىك  تارماقلىرىمىز گۇناھسىز پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ|پ ك ك  غا ھەسسىلەپ جاۋاب قايتۇرۇۋاتىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى بىر تېررورىست يوقىتىلغىچە بۇ ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىز داۋاملىشىدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، تۈركىيە ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورلۇقنى يوقىتىش ئۈچۈن باشلىغان  «پەنجە-قىلىچ ھاۋا ھەرىكىتى» توغرىسىدا سكز قىلغان شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توبىياس بىللسترۆمنىڭ، «تۈركىيە تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقان دۆلەت. تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى بار» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، 24-فېۋرال (2022) باشلانغان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگنىڭ، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ ئۇزارتىلىشىدا، ئۆزئارا ئەسىر ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىدا ئىنتايىن مۇھىم ۋە ھالقىلىق رول ئوينىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر