06.10.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىنتاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەبدىكىچە:

1889163
06.10.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى گۇرۇپپا يىغىنىدا، «ۋابا بولدى ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتمىدۇق، ئىقتىسادىي ئېشىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. دۇنيادا ئالدىقى رەتلەردە تۇردۇق. نۇرغۇن جايلاردا تۇرغۇنلۇق، ئىقتىسادىي چېكىنىش يۈز بەرگەن بولسا، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار دۆلىتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادىي ئېشىش رەقەملىرىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكتە» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەزنىڭ بور كاربون فابرىكاسىنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ (2022) ئاخىرىغىچە خىزمەت باشلايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، يېزا ئىگىلىك ساھەسىنىڭ يىلنىڭ (2022) دەسلەپكى توققۇز ئايلىق مەزگىلىدە چەت ئەللەرگە مەھسۇلات سېتىش مىقدارىنى 24.5 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈپ، تارىخىدىكى يانۋاردىن سېنتەبىرگىچە بولغان ئېكسپورت رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ساياھەت ژۇرناللىرىدىن بىرى بولغان «كوندې ناست» ساياھەت ژۇرنىلىدا، ئىستانبۇل ئ.ايرودۇرۇمىنىڭ سىنگاپور، جەنۇبىي كورېيە ئايرودۇرۇملىرىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، «دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئايرودۇرۇم» دەپ ئېلان قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، تارىخى، تەبىئىي مەنزىرەسى ۋە مول مەدەنىيەت بايلىقلىرى، شۇنداقلا ساياھەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ساياھەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولغان كاپادوكيادا، يىلنىڭ توققۇز ئايلىق مەزگىلىدە، 508 مىڭ 181 ساياھەتچىنىڭ ئىسسىق شار ساياھىتى قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر