05.10.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1888665
05.10.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ۋەتەن› گېزىتى»، «ئەردوغان گىرېتسىيەگە <زۆرۈر تېپىلغاندا ھەردائىم تېگىشلىك قەدەم تاشلايمىز> تەرىقىسىدە سىگنال بەردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، دۆلىتىنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىغا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەربىي بازىلىرىنى قۇرغان گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىئاكوس مىچوتاكىس ئەمدى قوپۇپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلماقتا. ئى مىچوتاكىس! سەن نېمە قىلساڭ قىل، بىز زۆرۈر تېپىلغاندا ھەردائىم تېگىشلىك قەدەم تاشلايمىز، تاشلاشقىمۇ تەييارمىز.»

«‹ستار› گېزىتى»، «تۈركىيەدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا مەكتۇپ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە، يېقىندا «شەرقىي ئەگە ئاراللىرىنىڭ غەيرىي ھەربىي سالاھىيىتى» ھەققىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنغان خېتىدە، گىرېتسىيەنىڭ دەۋالىرىنى كۈچلۈك قانۇنىي دەلىل – ئىسپاتلار ئارقىلىق رەت قىلدى. خەتتە، مۇنداق دېيىلدى: «گىرېتسىيە (ئاراللارنى) قورالسىزلاندۇرۇش مەجبۇرىيەتلىرىگە سەل قاراۋاتىدۇ ۋە ئەھمىيەتسىزلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ھالبۇكى، بۇ مەجبۇرىيەتلەرگە خىلاپلىق قىلىش خەلقئارا تىنچلىققا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ. تۈركىيە گىرېتسىيەنىڭ تەشەببۇسلىرى، ئاساسسىز تەلەپلىرى ۋە سىياسى باياناتلىرىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىدۇ.»

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن گىرېتسىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچ، تۈركىيە بىلەن لىۋىيە ئوتتۇرىسىدا ھىدروكاربون ساھەسىدە ئىمزالانغان كېلىشىم لايىھەسى قارارنامىسى ھەققىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن گىرېتسىيە تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بىلەن لىۋىيە ئوتتۇرىسىدا ھىدروكاربون ساھەسىدە ئىمزالانغان كېلىشىم لايىھەسى ھەققىدە گىرېتسىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى باياناتچىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتلارنىڭ دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن ھېچقانداق قىممىتى ھەم ئەھمىيىتى يوقتۇر.»

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «تۈركىيە كېلەچەكنىڭ ئارمىيەسىنى قۇرۇۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئالدى بىلەن، ئەزەربەيجاننىڭ ئەرمېنىيەنى مەغلۇب قىلىشى، ئاندىن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىش تەشەببۇسىدا بولۇشىدىن كېيىن پۈتكۈل دۇنيانىڭ نەزىرى ئاغدۇرۇلغان تۈركىيەنىڭ يەرلىك ۋە مىللىي قوراللىق تىزگىنەكلىك ئۇچقۇلىرى ھەققىدە  دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا ھەر كۈنى تۈرلۈك ئانالىزلار ئېلان قىلىنماقتا.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «‹Forbes› ژۇرنىلى»، تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ساھەسىدە تاشلاۋاتقان قەدەملىرىنى ئانالىز قىلدى. «‹Forbes› ژۇرنىلى» نىڭ ئانالىزچىسى ئامىر ھۈسەيىن، «تۈركىيە كېلەچەكنىڭ ئارمىيەسىنى قۇرۇۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك بىر ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلدى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «نەباتى، <21 – ئەسىر تۈركىيەنىڭ ئەسىرى بولىدۇ> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:  

خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى نۇرەددىن نەباتى، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئەندىزىسىنىڭ دۇنياغا ئۈلگە بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «چوقۇم تېخىمۇ تەرەققىي قىلىمىز، تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز، ئىشلەپچىقىرىمىز، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىمىز. 21-ئەسىر تۈركىيەنىڭ ئەسىرى بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر