04.10.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1888191
04.10.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ تۈنۈگۈن (3-ئۆكتەبىر) لىۋىيە پايتەختى تىرىپولىغا يېتىپ بېرىپ، تۈركىيەنىڭ باشقا قىيىن چۈشكەن ۋاقىتتا، لىۋىيە ۋە لىۋىيە خەلقىنى قوللىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىككىلەنمەستىن داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى نامايان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ تۈركىيە-لىۋىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ھىدروكاربون كېلىشىمىنى ئىمزالىغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتارنىڭ ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قورال ئېمبارگوسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى؛ بۇنىڭدا كاپالەتچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەنگلىيەنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، «تۈركىيە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئىشىنىدىغان بىردىنبىر دۆلەت» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، دۇنياغا داڭلىق ساياھەت مەركىزى بولغان پامۇككالەنىڭ 1-يانۋاردىن 30-سېنتەبىرگىچە (2022) 1 مىليون 557 مىڭ 851 ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، ئىزمىرنىڭ بورنوۋا ناھىيەسىنىڭ ياسسىتەپە يېزىسىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشلاردا، بۇنىڭدىن 5 مىڭ يىل ئىلگىرى پىشۇرۇلغان تۇپراقتىن ياسالغان قاچا تېپىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ئەترىتىنىڭ باشلىقى دوكتور زافەر دەرىننىڭ، قەدىمكىي خارابىلىقلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق 5 مىڭ يىل ئىلگىرىكى يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ: #ساباھ , #ستار

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر