03.10.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1887635
03.10.2022

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ستار› گېزىتى»، «دۇنيا مەتبۇئاتلىرى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى ماختىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا چىقىدىغان «‹Politico› گېزىتى»، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئاشلىق كارىدورى ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىملىرىدىكى دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ماختاپ بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى.  سىياسەتشۇناش ناتالىئې توككى تەرىپىدىن يېزىلغان ماقالىدە، دۇنيا مىقياسىدا ئىنتايىن مۇھىم بولغان كېلىشىملەرنىڭ تۈركىيەنىڭ ياردىمىدە تۈزۈلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھالقىلىق ئۇچرىشىش» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، ئىستانبۇلدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەك سۇللىۋان بىلەن كۆرۈشتى.   ئۇچرىشىشتا، « F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى مەسىلىسىدە باسقۇچنىڭ تاماملىنىشىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرىگە خىزمەت قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى لاپىد، <تۈركىيەگە باش ئەلچى تەيىنلىنىشى مۇھىم بىر قەدەم> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى يائىر لاپىد، دۆلىتىنىڭ ئەنقەرەگە باش ئەلچى تەيىنلىشى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بۇ، تۈركىيە – ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاش يولىدا تاشلانغان مۇھىم  قەدەمدۇر.»

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «زېلېنىسكى بايراكتارغا شەرەپ ئوردېنى بەردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ئاندرىي يېرماك باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى،  ئۆزدەمىر بايراقتار مىللىي تېخنولوگىيە گۇرۇھى مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ئاندرىي يېرماك، زىيارەتتە، بايكار تېخنولوگىيە گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلى سەلچۇق بايراكتارغا، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكى ئەۋەتكەن دۆلەتلىك شەرەپ ئوردېنىنى تەقدىم قىلدى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «ئانتالياغا ھاۋا يوللىرى ئارقىلىق كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 11 مىليوندىن ئاشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىۋاتقان ئانتالياغا كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 1-يانۋاردىن 30-سېنتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا 11 مىليون 27 مىڭ 94 كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر