30.09.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1886734
30.09.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ۋەتەن› گېزىتى»، «ئەردوغان پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈنۈگۈن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. تېلېفون سۆھبىتىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پۇتىندىن مۇزاكىرىلەرگە يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ گىرېتسىيە ھەققىدە بايانات ئېلان  قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ گىرېتسىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكلىرى ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، «گىرېتسىيە ئاراللارنى قوراللاندۇرسا، بىزمۇ تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىمىز» دېدى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەجەللىك زەربە بەردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ئارمىيەسى 27 – سېنتەبىر كۈنى ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمىدا 140 كىلومېتىر ئىچكىرى كىرىپ، ئاسوس رايونىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 16 غارى، پاناھ جايلىرى ۋە ئاتالمىش قوماندانلىق ئۇۋىسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى.»

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «زېلېنىسكى ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكى تۈنۈگۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندىن كېيىن ئېلان قىلغان ۋىدېئولۇق باياناتىدا، «ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن» جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

«‹ستار› گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ <بايراكتار>  ناملىق تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى ياۋروپادا يەنە بىر دۆلەتنىڭ خىزمىتىگە كىرىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئالبانىيە باش مىنىستىرى ئېدى راما، دۆلىتىنىڭ ئەنقەرە بىلەن تۈركىيەدىن سېتىۋېلىشقا پۈتۈشكەن «بايراكتار» ناملىق تىزگىنەكلىك ئۇچقۇلارنىڭ پات يېقىندا خىزمەتكە كىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر