28.09.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1885677
28.09.2022

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «ئەردوغان، «غەربنىڭ قوللىشى گىرېتسىيەنى قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئاراللارنى قوراللاندۇرۇۋاتقان گىرېتسىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى، ھەمدە غەربىي تراكيا ۋە ئاراللارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قورال – ياراغلارنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن ھېچقانداق ئەھمىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ كۈچىمىز ۋە ئىمكانلىرىمىز بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈندۇر. ئى گىرېتسىيە! سىلەر تېخى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياۋروپانىڭ قوللىشى بىزنى قۇتقۇزۇپ قالالايدۇ، دەپ ئويلامسىلەر. ياق، بۇ سىلەرنى ھەرگىزمۇ قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ.»

«‹ستار› گېزىتى»، لىتۋانىيە تۈركىيە ئۈچۈن پۇرسەت تۇغۇلغانلىقىنى بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

لىتۋانىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رىكارداس دېگۇتىس، تۈركىيەنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى تۈپەيلى  ياۋروپاغا يېقىن بولۇشىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زورىيىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ نۇرغۇن ساھەلەردە مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «لىتۋانىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئورنىتىلىدىغان ھەمكارلىق، يېڭى پۇرسەتلەرنى يارىتىدۇ.»

لىتۋانىيە پارلامېنتى ئەزاسى رىمانتې سالاسېۋىچۇتې بولسا، تۈركىيە بىلەن مەبلەغ سېلىش مەسىلىسىدە دادىل قەدەم تاشلاش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «تۈركىيە شامال ئېنېرگىيەسىدە ياۋروپانىڭ يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى بولۇشنى نىشان قىلماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز، تۈركىيەنىڭ شامال ئېنېرگىيەسى ساھەسىدە ياۋروپا ۋە رايوننىڭ يېڭى ئىشلەپچىقىرىش ھەم يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىگە ئايلىنىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ ياۋروپادىكى 5-چوڭ شامال ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «2021-يىلى بىز 50 كە يېقىن دۆلەتكە 1.5 مىليارد ياۋرو قىممىتىدىكى شامال تۇربىنىسى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ئېكسپورت قىلدۇق.»

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»،  «دۇنياغا داڭلىق ئىقتىسادشۇناسلار تۈركىيەدە ئۇچرىشىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ساھىبخانلىقىدا چاقىرىلىدىغان «دۇنيادىكى ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەر يىغىنى» دائىرىسىدە، دۇنياغا داڭلىق ئىقتىسادشۇناسلار ئىستانبۇلغا كېلىدۇ. 29 – سېنتەبىر پەيشەنبە كۈنى باشلىنىدىغان يىغىندا، 12 دىن ئارتۇق دۆلەتتىكى داڭلىق ئاكادېمىكلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا، يېڭى يەر شارىۋى ئىقتىسادىي تۈزۈم ياراتقان پۇرسەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «تۈركىيە ئەرەب ياشلىرىنىڭ ئەڭ جەزبىدارلىق دۆلىتىگە ئايلاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقادىكى 17 دۆلەتتە 3400 كىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان «ئەرەب ياشلىرى راي سىناش» نەتىجىسى، تۈركىيەنىڭ ياشلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. راي سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئەرەب ياشلىرى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق غەرب كۈچلىرىنىڭ دەل ئەكسىچە، تۈركىيە، خىتاي ۋە رۇسىيەنى ئۆزلىرىگە يېقىن دەپ قارايدىكەن. راي سىناش ئىشتىراكچىلىرىنىڭ % 77 ى، تۈركىيەنىڭ كۈچلۈك ئىتتىپاقداش دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر