22.09.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1883215
22.09.2022

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ۋەتەن› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا مەھبۇس ئالماشتۇرۇش ئشقا ئاشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن ئېلىپ بارغان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە 200 مەھبۇسنىڭ ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى يازدى.

«‹ستار› گېزىتى»، «ب د ت دا دىققەت تارتقان سۆزلەر: تۈركىيە تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە قىلغان سۆزىدە تۈركىيەنى مەدھىيەلىدى. شولز: «تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىكى ئارقىلىق ئاشلىق ئېكسپورتىنىڭ قايتا مۇمكىن بولغانلىقى زور ئالقىشقا ئەرزىيدۇ» دېدى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «ئەمىنە ئەردوغان: <يېمەكلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىرىنىڭ بىرى> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئايالى ئەمىنە ئەردوغاننىڭ نيۇيوركتا تۈرك تاماقلىرى تونۇشتۇرۇلغان يېمەك پروگراممىسىدا «يېمەكلىك؛ مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىرىنىڭ بىرى» دېگەنلىكىنى يازدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «تەييار كىيىم-كېچەك سانائىتى ساھەسى 14 مىليارد 200 مىليون دوللارلىق ئېكسپورتنى ئىشقا ئاشۇردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تەييار كىيىم-كېچەك سانائىتى ساھەسى يانۋاردىن ئاۋغۇستقىچە بولغان مەزگىلدە تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ئېكىسپورتى نىسبىتىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ 8 ئاي ئىچىدە 14 مىليارد 248 مىليون دوللارلىق ئېكسپورت ئەمەلگە ئاشتى. بۇ مەزگىلدە تەييار كىيىم-كېچەك سانائىتى ساھەسى گېرمانىيەگە 2 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق، ئىسپانىيەگە 1 مىليارد 800 مىليون دوللارلىق، ئەنگىلىيەگە 1 مىليارد 400 مىليون دوللارلىق مال ئېكسپورت قىلدى.

«‹خەبەر تۈرك› گېزىتى»، «بودرۇمغا <كوستا ۋېنېزىيە> ناملىق پاراخوت بىلەن 1502 نەپەر ساياھەتچى كەلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئىتالىيە بايراقلىق ساياھەت پاراخوتى «كوستا ۋېنېزىيە» تۈنۈگۈن مۇغلانىڭ بودرۇم ناھىيەسىگە 1502 ساياھەتچىنى ئېلىپ كەلدى. تاموژنا رەسمىيەتلىرىدىن كېيىن، يولۇچىلار پاراخوتتىن چۈشۈپ، بودرۇمنى سەيلە قىلدى ۋە تارىخى جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر