19.08.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1870009
19.08.2022

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «ئەردوغان <يېڭى چېرنوبىل ۋەقەسىگە دۇچ كېلىشنى خالىمايمىز> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېس، ئۇكرائىنانىڭ لۋىۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار ئۇچرىشىشىدىن كېيىن بايانات ئېلان  قىلدى. ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىڭ ئاساسلىق نىشانىنىڭ، قانداق قىلغاندا ئۇرۇشقا خاتىمە بەرگىلى بولىدىغانلىقى مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىكى توقۇنۇشلاردىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. يېڭى چېرنوبىل ۋەقەسىگە دۇچ كېلىشنى خالىمايمىز. ئۇكرائىنانىڭ قايتا قۇرۇپ چىقىلىشىغا تېگىشلىك ياردەم بېرىمىز.»

«‹ساباھ› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە،  تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار ئۇچرىشىشىدىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە كىرىزىسنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى، سۆھبەت ئۈستىلىدە كىرىزىسنى ئەڭ قىسقا ۋە ئەڭ ئادىل شەكىلدە ھەل قىلىش چارىسىنى ئېنىقلاپ چىقىشتۇر.»

مارت ئېيىدا ئىستانبۇلدا شەكىللەنگەن پارامېتىرلارغا ئاساسەن سۆھبەتلەرنى جانلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، مۇنداق دېدى: «بىز بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ھەر خىل ياردەملەرنى بېرىشكە، تەكرار قولايلاشتۇرغۇچىلىق ۋە مۇرەسسەچىلىك رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشقا تەييارمىز.»

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن 622 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئاشلىق يۆتكەلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، 1 – ئاۋغۇستتىن بۇيان ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن 622 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئاشلىق يۆتكەلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «ئانتالياغا كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 8 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دېڭىزى، دېڭىز ساھىللىرى، تەبىئىي مەنزىرىلىرى، تارىخى ۋە مەدەنىيەت بايلىقلىرى بىلەن يىلنىڭ 12 ئېيىدا ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدىغان ئانتالياغا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 7 يېرىم ئېيىدا كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 8 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان تۈرك» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

2017-يىلى 24 سائەت ئىچىدە 13 دۆلەتنى ئايلىنىپ چىقىپ، «دۇنيا جىننېس رېكورتى قامۇسى» غا كىرىشكە مۇۋەپپەق بولغان ئۈمىد سابانجى، يېڭىدىن رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى. سابانچى، نۆۋەتچى يولۇچىلار ئايروپىلانلىرى بىلەن 46 سائەت 23 مىنۇتتا دۇنيانى ئايلىنىپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغان شەخسكە ئايلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر