17.08.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1868997
17.08.2022

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيە كىرىزىسى ھەققىدە مۇھىم بايانات ئېلان  قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۈرىيەدە ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش ئۈچۈن مۇرەسسەلىشىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، سۈرىيەدە ئۆكتىچىلەر بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسەلىشىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى توغرۇلۇق ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلىنغان باياناتلارنىڭ، بۇ دۆلەتتىكى ئىچكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن تۈركىيە كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «مىنىستىر ئاقار ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسىي رېزنىكوۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭ، تۈنۈگۈن ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئولېكسىي رېزنىكوۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئاشلىق يۆتكەش پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «<تەندۈرەك تېغى> تېررورچىلاردىن پۈتۈنلەي تازىلاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، ئاغرىدىكى «تەندۈرەك تېغى» نىڭ تېررورچىلاردىن پۈتۈنلەي تازىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سويلۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىرى «ئاپېلسىن رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكى» دىن، يەنە بىرى، «كۈل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكى» دىن  ئورۇن ئالغان ئاخىرقى 2 تېررورچىمۇ بىر تەرەپ قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن، «تەندۈرەك تېغى» دىكى تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىسى تامامەن يوق قىلىنغان.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «ۋېنگىرىيە تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى قارارلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ۋېنگىرىيە تېخنولوگىيە ۋە سانائەت مىنىستىرى لاسزلو پالكوۋىچ، تۈركىيە زىيارىتى دائىرىسىدە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ساھەسىدىكى ھەمكارلىق ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ۋېنگىرىيە ئارمىيەسى، تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى. دەرۋەقە، تۈركىيە ئىشلەپچىقىرىۋاتقان بۇ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى، ئۇرۇش ساھەسىدە يېڭى بىر يولنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.»

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «مىنىستىر قاساپئوغلۇ <ئىسلامىي ھەمكارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدىكى مېدالغا ئېرىشىش جەھەتتىن رېكورتنى بۇزۇپ تاشلاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى مەھمەت مۇھەررەم قاساپئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ، كونيادا ئۆتكۈزۈلگەن 5-قېتىملىق ئىسلامىي ھەمكارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مېدالغا ئېرىشىش جەھەتتىن رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مىنىستىر قاساپئوغلۇ، مۇنداق دېدى: «ھازىرغىچە 238 مېدالغا ئېرىشتۇق. بۇ ئىسلامىي ھەمكارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدىمۇ بىر دۆلەت ئېرىشكەن ئەڭ كۆپ مېدال سانى ھېسابلىنىدۇ. جۈملىدىن، تۈركىيە مۇسابىقە تارىخىدىكى ئەڭ غالىب دۆلەت بولدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر