16.08.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1868412
16.08.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ۋەتەن گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 21-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تەبرىكلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلىپ: «تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىلى توگ ئىشلەپچىقىرىلىشقا تەييار. 2022-يىلى 29-ئۆكتەبىر تۈركىيەنىڭ ئاپتوموبىل فابرىكاسى ئېچىلىدۇ.  2023-يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە ئاپتوموبىللىرىمىزنى يوللاردا كۆرۈشكە باشلايمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، تۈركىيەدىن بىر ھەيئەتنىڭ «F-16» ئايروپىلانى سېتىۋېلىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇزاكىرەلىرى ئۈچۈن، ئامېرىكاغا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، فىرانسىيە تاراتقۇلىرىدا بايراكتار «TB2» ۋە «قىزىل ئالما» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي خەۋەر بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، ب د ت دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى زۇراب پولولىكاشىۋىكلىنىڭ تۈركىيە توغرىسىدا توختىلىپ: «تۈركىيە شۈبھىسىزكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ساياھەت دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان كەسپىي ئىقتىدارلىق خادىملارغا ۋە ساياھەت رايونلىرىغا ئىگە» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىنىڭ 8-ئاۋغۇستتىن 14-ئاۋغۇستقىچە (2022) ياۋروپادا ئەڭ كۆپ يولۇچى كۈتۈۋالغان ئايرودۇرۇملارنىڭ ئىچىدە، كۈنلۈكى ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 1332 ئايروپىلان سەپىرى بىلەن بىرىنچى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر