12.08.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1867181
12.08.2022

«‹خەبەر تۈرك› گېزىتى»، «ئەردوغان بەشتەپە خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەدەنىيەت مەركىزىدە نۇتۇق سۆزلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «تۈركىيەنىڭ توك تارقىتىش ئىقتىدارىغا ھەر يىلى 1 مىليارد 900 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېقىن تۆھپە قوشىدىغان بىزنىڭ ئەڭ چوڭ سۇ ئامبىرىمىز يۈسۈفەلى پۈتۈش باسقۇچىغا يېتىپ كەلدى» دېگەنلىكىنى يازدى.

«‹ستار› گېزىتى»، «فلورېس: <مەن تۈركىيەنىڭ ئوينىغان رولىغا قايىلمەن> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، گۋاتېمالا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فلورېسنىڭ روسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا تۈركىيەنىڭ ئوينىغان رولى ئۈستىدە توختىلىپ «مەن تۈركىيە دىپلوماتىيەسىنىڭ بۇ يەردە ئوينىغان رولىغا قايىلمەن. ئىنتايىن مۇھىم كېلىشىمنى ئىشقا ئاشۇردى ۋە دۇنياغا ئۈمىد ئاتا قىلدى» دېگەنلىكىنى يازدى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «مىنىستىر دونمەزنىڭ تەبىئىي گاز باياناتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دونمەزنىڭ تۈنۈگۈن قارا دېڭىز گازىغا مۇناسىۋەتلىك باياناتىدا: «مارتتا ئۆزىمىزنىڭ گازىنى ئىشلىتەلەيمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «قارائىسمائىلئوغلۇ ئىستانبۇل ئايرودورۇمى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئادىل قارائىسمائىلئوغلۇ ئىستانبۇل ئايرودورۇمىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ياۋروپا ئايرودرومىدىن ئېشىپ بىرىنچىلىك ئورۇنىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئىستانبۇل ئايرودرومىغا ئوخشاش چوڭ سېلىنمىمىز ۋە يولغا قويغان باشقا تەدبىرلىرىمىز سايىسىدا، بىز يۈك-تاقتىكى قالايمىقانچىلىققا، قاتناش ۋە ئۇچۇشتىكى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەيۋاتىمىز» دېدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئىيۇل ئېيىدا 7 مىليون 800 مىڭ يولۇچى توشۇدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئىيۇل ئېيىدا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن 7 مىليون 800 مىڭ يولۇچى توشۇدى. يولۇچىلارنىڭ تولۇقلۇق نىسبىتى 2022-يىلى ئىيۇل ئېيىدا %86.1 گە يەتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر