11.08.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1866695
11.08.2022

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «ئەردوغان سودا ۋە مۇداپىئە سانائىتىدە ھەمكارلىق سىگنالى بەردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سلوۋېنىيە پىرېزىدېنتى بورۇت پاخور بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇداپىئە سانائىتى ۋە سودىدا ھەمكارلىقنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا مىقدارىمىز بۇلتۇر 2 مىليارد 300 مىليون دوللارلىق سەۋىيىگە يەتتى. بىز ھەقىقىي يوشۇرۇن كۈچىمىزنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرمىگەن بۇ ساننى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىمىز»

«‹خەبەر تۈرك› گېزىتى»، «چاۋۇشئوغلۇ: <بىز پ ك ك، فەتھۇللاھچى ۋە باشقا تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەتۇر تەشۋىقاتىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىمىز> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ 13-نۆۋەتلىك باش ئەلچىلەر يىغىنىدا باش ئەلچىلەرگە خىتاب قىلىپ «بىز پ ك ك، فەتھۇللاھچى ۋە باشقا تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەتۇر تەشۋىقاتلىرىغا ۋە بۆھتانلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىمىز» دېدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «ئابدۇلھەمىد خان دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىدە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيەنىڭ 4 – چوڭ بۇرغىلاش پاراخوتى ۋە دۇنيا بويىچە 5 - چوڭ بۇرغىلاش پاراخوتى بولغان ئابدۇلھەمىد خان ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن ۋەزىپىسىنى باشلىدى. نۇرغۇن دۆلەتلەر، بولۇپمۇ گرېتسىيە تەرىپىدىن كۆزىتىلگەن مۇراسىمدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «بىز ھەق - ھوقۇقىمىزنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر تېپىلغاندا چىشمۇ چىش كۈرەش قىلىشتىن چېكىنمىدۇق ۋە ھەرگىز چېكىنمەيمىز» دېگەن سۆزلىرى باش تېما قىلىندى. گىرېتسىيەنىڭ ھۆكۈمەت باياناتچىسى بولسا «بىز ھوشيار بولۇشىمىز كېرەك» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ تۇنجى قوراللىق ئىنسانسىز دېڭىز پاراخوتى SİDA نىڭ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىشى باشلاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيەنىڭ تۇنجى قوراللىق ئىنسانسىز دېڭىز پاراخوتى (SİDA) سىناق ۋە ئەمەلىيەت جەريانىدىكى مۇپەققىيەتتىن كېيىن، بەزى دۆلەتلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھەر يىلى 50 دانە ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىدى.

«‹ستار› گېزىتى»، «تەڭپۇڭلۇقنى ئۆزگەرتىدىغان ھەرىكەت: ئەنقەرەدە مەخسۇس ئورۇن ئاجرىتىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇش ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ئاستىلاپ كەتكەن چاغدا، ئاپتوموبىل ۋە كومپيۇتېر ئىشلەپچىقىرىشنىڭمۇ ئاستىلايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «(ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن) تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭمۇ تەييارلىقلىرىمىز بار. ھەتتا، ئەنقەرەدە مەخسۇس ئورۇن ئاجرىتىلدى. بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىقىمىزنىڭ خىزمىتىمۇ مەۋجۇت» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر