10.08.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1865986
10.08.2022

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «‹ئابدۇلھەمىد خان پاراخوتى› نىڭ ۋەزىپە ئۆتەش ئورنى بېكىتىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

«ئابدۇلھەمىد خان بۇرغىلاش پاراخوتى»،  مەرسىننىڭ تاشئۇجۇ پورتىدىن ۋەزىپە ئۆتەش ئورنىغا ئۇزىتىپ قويۇلدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، بۇرغىلاش پاراخوتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش ئورنىنىڭ ئانتاليانىڭ غازىپاشا رايونىدىن 55 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى «<يۆرۈكلەر -1 قۇدۇقى> بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

 ئەردوغان، مۇنداق دېدى: «<يۆرۈكلەر -1 قۇدۇقى>، بىزنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى كەڭ دائىرىلىك خىزمەت پىلانىمىزنىڭ تۇنجى قەدىمى ھېسابلىنىدۇ.»

«‹ساباھ› گېزىتى»، «تۈركىيە <ئابدۇلھەمىد خان پاراخوتى> ئۈچۈن ناۋتېكس ئېلان قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

«ئابدۇلھەمىد خان بۇرغىلاش پاراخوتى» ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ساھە ئۈچۈن يېڭى ناۋتېكس (دېڭىزچىلارغا ئۇقتۇرۇش) ئېلان قىلىندى. ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا، «ئابدۇلھەمىد خان بۇرغىلاش پاراخوتى» نىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ۋەزىپىسى 7-ئۆكتەبىرگىچە داۋاملىشىدىكەن. «ئابدۇلھەمىد خان پاراخوتى»، 3 پاراخوت بىلەن بىرلىكتە «يۆرۈكلەر -1 ساھەسى» دە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىكەن.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»،  «تۈركىيەنىڭ بۇرغىلاش پاراخوتىدىن دۇنيادا ئاران 5 دانە بار» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

دۇنيادا ئاران 5 دانە بار بولغان ۋە تۈركىيەنىڭ 4-بۇرغىلاش پاراخوتى ھېسابلىنىدىغان «ئابدۇلھەمىد خان پاراخوتى»، تۈنۈگۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدىن كېيىن سەپەرگە ئاتلاندى. دۇنيادىكى ساناقلىق بۇرغىلاش پاراخوتلىرىنىڭ بىرى بولغان «ئابدۇلھەمىد خان پاراخوتى» نىڭ ئۇزۇنلۇقى 238 مېتىر، كەڭلىكى 42 مېتىر، ئېگىزلىكى 112 مېتىر كېلىدۇ. 200 كىشىلىك خادىمى بار پاراخوت، 12 مىڭ 200 مېتىرغىچە بۇرغىلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «ئىسلام دۇنياسى كونيادا بىر يەرگە جەم بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

تۈركىيەنىڭ ساھىبخانىلىقىدا كونيادا ئۆتكۈزۈلگەن 5 – نۆۋەتلىك ئىسلامىي ھەمكارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېچىلىش مۇراسىمى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. «بىرلىك كۈچ» شوئارى بىلەن باشلانغان ۋە 56 دۆلەتتىن 4200 تەنھەرىكەتچى قاتناشقان بۇ مۇسابىقە، 18-ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدۇ.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «تۈرك ئالىملار تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى، دۇنيا ئۈچۈن ئۈمىد بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈرك ئالىملار تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سوغۇق، قۇرغاقچىلىق ۋە كېسەللىكلەرگە چىداملىق دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى سۈپەتلىك بۇغداينىڭ تۇنجى ھوسۇلى سىۋاستا ئىشقا ئاشۇرۇلدى. يېڭى بۇغداي تۈرلىرىنىڭ ھەم تۈركىيە ھەم پۈتۈن دۇنيا دۇچ كېلىدىغان يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرى قىيىنچىلىقىغا ھەل قىلىش چارىسى بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر