05.08.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1864065
05.08.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ستار» گېزىتى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ: «رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيە ئىنتايىن كۈچلۈك تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلىكىنى يازدى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى، رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋنىڭ تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، ئىستانبۇلدا 22 – ئىيۇلدا ئىمزالانغان ئاشلىق كارىدورى ئېچىش كېلىشىمىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا: «شەخسەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ زور تۆھپىسى بارلىقىنى ئەسكەرتىش كېرەك» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۈررىيەت» گېزىتى، قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئادىل قارائىسمائىلئوغلۇنىڭ: «مەقسىتىمىز 2023-يىلىنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە تۈركسات 6A نى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىش. 2023 – يىلى تۈركسات A6نى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بەرگىنىمىزدە، تۈركىيە ئالەم بوشلۇقىدا ئۆز سۈنئىي ھەمراھى بار ئالدىنقى 10 دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ» دېگەن سۆزلىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«ۋەتەن» گېزىتى، تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى TOGG نىڭ تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «گەملىك زاۋۇتىمىزغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۇنجى تۇرگو توك قاچىلاش ئۈسكۈنىمىزنى سىناق قىلىشنى باشلىدۇق. ئۈسكۈنە 25 مىنۇتتا باتارېيەنىڭ %80 نى تولدۇردى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەرگەنلىكىنى يازدى.

«ساباھ» گېزىتى، رېژىسسور سەمىھ كاپلانئوغلۇنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن فىلىمى «باغلىلىق ھەسەن»نىڭ فىرانسىيەدە تاماشىبىنلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، دۆلەتنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ فىلىمغا يۇقىرى باھا بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر