20.07.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1857192
20.07.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىران پايتەختى تېھراندا تۈركىيە- ئىران- رۇسىيە ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىدا ئېنىق سېگناللار بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، «مىللىي خەۋپسىزلىكىمىزنى قەستلىگەن رەزىللىك مەركەزلىرىنى سۈرىيەدىن يوقىتىش ئىرادىمىز قەتئىي. تېل رىفات ۋە مۈنبىچ تېررورلۇقنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىران پايتەختى تېھراندا بايانات ئېلان قىلغاندا، تۈركىيە ۋە ئىران ئۈچۈن تەھدىت پەيدا قىلغان تېررورلۇققا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىىلشنى چاقىرىق قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسىنىڭمۇ: «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئوخشىمىغان ناملىرى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ھەر قانداق كىشى ئىنسانلار ئۈچۈن خەتەر پەيدا قىلسا، ئۇ كىشى تېررورىست بولىدۇ» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىران بىلەن تۈركىيەنىڭ سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 7.5مىليارد دوللارغا يەتكۈزگەنلىكلىرىنى، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ رەقەمنى 30 مىليارد دوللارغا چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسىنىڭ بولسا: «رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ زىيارىتى ئىككى دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولىدۇ» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئۈچ رەھبەرنىڭ تېررورلۇقنىڭ ھەر خىلىغا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ئورتاق پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقى ۋە سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداشنى تەكىتلەنگەنلىكلىرى بىلدۈرۈلدى.

«ستار گېزىتى»، تۈركىيەدە ئىيۇن ئېيىدا (2022) چەت ئەللىكلەرگە ئۆي سېتىشتا باشقا ئايلارغا سېلىشتۇرۇلغاندا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى، يانۋاردىن ئىيۇن ئېيىغىچە بولغان مەزگىلدە بولسا رېكورت يارىتىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، يانۋاردىن ئىيۇن ئېيىغىچە بولغان مەزگىلدە چەت ئەللىكلەرگە ئۆي سېتىش نىسبىتى %72.7 ئېشىپ سېتىلغان ئۆي سانىنىڭ 35 مىڭ 383 كە يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر