01.07.2022
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق» گېزىتى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باشلىقلار ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «شىۋېتسىيە، تۈركىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق ئۈچ تەرەپ رامكا كېلىشىمى، تۈركىيە ۋە خەلقىمىزگە نىسبەتەن مۇشەققەتلىك سۆھبەت مۇساپىسىدىن كېيىن قولغا كەلتۈرۈلگەن دىپلوماتىك غەلىبىدۇر» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.
«ھۈررىيەت» گېزىتى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ناتو باشلىقلار ئۇچرىشىشىدىن كېيىن بىر يىغىندا، «تۈركىيەگە F-16 تىپلىق ئايروپىلان سېتىپ بېرىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئەكسىچە يول تۇتۇش بىزگە پايدىلىق ئەمەس. بۇ دۆلەت مەجىلىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك، بىز بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز» دېگەنلىكىنى يازدى.
«ساباھ» گېزىتى، ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېزنىڭ، مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن ناتو باشلىقلار يىغىنىدىكى «ئىجابىي پوزىتسىيەسى» ئۈچۈن تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، «تۈركىيە بىخەتەرلىك ۋە مۇرەسسەچىلىكتىكى مۇھىم شېرىك. بۈگۈن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتۈم. مەن ئۇنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقىغا خاتىمە بېرىپ، دىيالوگنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا كۆرسەتكەن دىپلوماتىك تىرىشچانلىقى ۋە ناتونىڭ جەنۇب قانىتىنى كۈچەيتىشنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتىم» دېگەنلىكىنى يازدى.
«خابەرتۈرك» گېزىتى، تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى ماي ئېيىدا بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %15.3 ئېشىپ، 18 مىليارد 984 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى، 1 مىليارد 492 مىليون دوللارلىق مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىنغان گېرمانىيەنىڭ ماي ئېيى ئېكسپورتىدا بىرىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالغانلىقىنى يازدى.
«ستار» گېزىتى، ئالجىرىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 19- نۆۋەتلىك ئاقدېڭىز تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 5-كۈنىدە (تۈركىيە) دۆلەتلىك جۇدو ماھىرى ۋەدات ئالبايراقنىڭ 81 كىلولۇقلار ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئىتالىيەلىك رەقىبى كېننىي كومى بېدېلنى يېڭىپ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.