22.06.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1846881
22.06.2022

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ساباھ› گېزىتى»، «ئەردوغان جونسون ۋە كاجا كاللاس بىلەن تېلېفونلاشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈنۈگۈن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون ۋە ئېستونىيە باش مىنىستىرى كاجا كاللاس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ  ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون ۋە ئېستونىيە باش مىنىستىرى كاجا كاللاس بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبەتلىرىدە، رايونلۇق مەسىلىلەردىن سىرت يەنە، ئۇكرائىنادىكى ئاشلىق كىرىزىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

«‹ستار› گېزىتى»، «كىرىزىس تۈركىيەدە ھەل بولىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، يەر شارىۋى ئاشلىق كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى مەقسىتىدە ئىستانبۇلدا تۆت تەرەپلىك ئاشلىق يىغىنىنىڭ چاقىلىرىدىغانلىقىنى، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىنغا، ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە ھەيئەتلىرى بىلەن  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېشنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى، ئاشلىق مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن، بۇ ھەپتە تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن بىر ھەيئەتنىڭمۇ رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىغانلىقىنى يازدى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»،«تۈرك ئالىملارنىڭ قىرىم كونگو قاناش قىزىتمىسىنى داۋالاش تەتقىقاتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈرك ئالىملار، قىرىم-كونگو قاناش قىزىتمىسىغا بالدۇر دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ئۈچۈن مۇھىم تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا. يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى پروفېسسور دوكتور  ئۆندەر ئەرگۆنۈل بىلەن KUISCID (كوچ ئۇنۋېرسىتىتى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مەركىزى) تەتقىقاتچىلىرى،  قىرىم-كونگو قاناش قىزىتمىسىغا بالدۇر دىياگنوز قويۇش ئۈچۈن يەرلىك PCR سىنىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، تۈركىيەدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىشنى نىشان قىلماقتا.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «ئىستانبۇلغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئاشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئىستانبۇل ۋالىيسى ئەلى يەرلىكايا، ماي ئېيىدا ئىستانبۇلغا كەلگەن ساياھەتچىلەر سانىنىڭ ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 264.6 ئېشىپ، 1 مىليون 402 مىڭ 366 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، شەھەرگە ئەڭ كۆپ زىيارەتچى، گېرمانىيە، ئىران، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئەنگىلىيەدىن كەلگەن.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گۇۋاھنامىگە ئېرىشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە،  تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ، IATA (خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تىرانسىپورت بىرلەشمىسى) نىڭ IEnvA (مۇھىت باھالاش) پىروگراممىسىدا «ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گۇۋاھنامە» گە ئېرىشكەنلىكىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر