16.06.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1844457
16.06.2022

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «خەلقئارالىق ئۇچۇشلار <تۈرك ئاۋىئاتسىيە شىركىتى> دېگەن نامنى ئىشلىتىلىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «دۆلىتىمىزنىڭ نامىنى <تۈركىي> دىن <تۈركىيە>گە ئۆزگەرتىش قارارىمىزنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇردۇق، باشقا ساھەلەردىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىمىز. دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە شىركىتىمىز ئەمدىلىكتە خەلقئارالىق ئۇچۇشلاردا <تۈركىش ئاۋىئاتسىيە شىركىتى> ئەمەس، بەلكى <تۈرك ئاۋىئاتسىيە شىركىتى> دېگەن نامنى ئىشلىتىلىدۇ» دېدى.

«‹ھۆررىيەت› گېزىتى»، «چاۋۇشوغلۇ: <شىۋىتسىيە ۋە فىنلاندىيەگە ئەندىشىمىزنى يەتكۈزدۇق> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ شىۋىتسىيە ۋە فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا تۈركىيەنىڭ ئەندىشىسىنى ئوچۇق-ئاشكارە يەتكۈزگەنلىكىنى ۋە تېرورلۇقنى قوللايدىغان بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەندىشىسىنى پەسەيتىدىغان قەدەملەرنى تاشلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ دۆلەتلەر بىزنىڭ ئەندىشىمىزنى يوقىتىشى كېرەك. ئەمدىلىكتە توپ قارشى دۆلەتلەردە» دېگەنلىكىنى يازدى.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ ئاق دېڭىز، ئەگە دېڭىزى ۋە قارا دېڭىزدىكى ئېنېرگىيە كۈچىنىڭ دۇنيادا تەڭدىشى يوق» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاق دېڭىز، ئەگە دېڭىزى ۋە قارا دېڭىزدىكى ئېنېرگىيە كۈچى كۈنسېرى ئېشىۋاتىدۇ. ئابدۇلھەمىت خان بۇرغىلاش پاراخوتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن بۇرغىلاش پاراخوتىنىڭ سانىنى 4 كە كۆپەيتىدى. تۈركىيەنىڭ دېڭىزدىكى ئېنېرگىيە چارلاش كۈچى داۋاملىق ئاشماقتا. تۈركىيە 2 يەر تەۋرەش تەتقىقات پاراخوتىغىمۇ ئىگە بولۇپ، بۇ كۈچى بىلەن دۇنيادىكى ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

«‹ستار› گېزىتى»، «دۇنيا تۈركىيەنىڭ رولىغا مەركەزلەشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ستېفان دۇجارىكنىڭ ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى قارا دېڭىز ئارقىلىق يۆتكەش مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولۇۋاتقانلىقى ۋە يېقىندىن ھەمكارلىشىىۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇ مەسىلىدە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ رولىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى يازدى.

«‹خەبەر تۈرك› گېزىتى»، <Togg> شىركىتى بىر ئاپتوموبىلدىن كۆپ مۇلازىمەتلەرنى سۇنىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىل تەشەببۇسى شىركەتلەر گۇرۇھى <Togg> نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى مەھمەت گۇرجان قاراقاش كېلەر يىلى قاتناشقا چىقىدىغان يەرلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشى ھەققىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشىدىن ھالقىپ تېخىمۇ كۆپ مۇلازىمەت سۇنۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى،  كۆچمە ئېكولوگىيىلىك سىستېمىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېڭى بىر ئۈسكۈنىنى لايىھىلەپ چىققانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن «Togg Smart Life» <توگ ئەقلى ئىقتىدارلىق تۈرمۈش> دەپ نام بېرىلگەن مۇلازىمەتلەرنى سۇنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر