25.05.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1832253
25.05.2022

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ستار› گېزىتى» «ئەردوغان < تۈركىيە ھېچبىر ئېزىلگەن كىشىنى كارى بولماي تاشلاپ قويغىنى يوق> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە چاقىرىلغان ئالىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ تارىختىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگىنىدەك،  بۈگۈنكى كۈندىمۇ پاناھ تارتىپ چېگرا لىنىيەلىرىگە كەلگەن ۋە تېرروتېرىيەلىرىدە پاناھلىنىۋاتقان زۇلۇمغا ئۇچرىغان ياكى ئېزىلگەن كىشىلەرنى كارى بولماي تاشلاپ قويمىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «ئۆي – ماكانلىرىغا قايتقان سۈرىيەلىكلەرنىڭ سانى 500 مىڭدىن ئاشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، تۈركىيە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بىخەتەر جايلارغا ئايلاندۇرغان رايونلارغا قايتقان سۈرىيەلىكلەر سانىنىڭ 500 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى، بۇ رايونلاردا خەلقئارالىق مەبلەغ بىلەن يېڭى ئولتۇراق رايونلارنىڭ بەرپا قىلىنىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ سۈرىيەلىكلەرنىڭ  ئۆي – ماكانلىرىغا قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىلىرىنى ئېيتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «سۈرىيەگە قارىتا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش تەييارلىق خىزمەتلىرى تاماملاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

سۈرىيەنىڭ شىمالىدا «بىخەتەر رايون» شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن 2016 – يىلدىن بۇيان ئۇدا 4 چوڭ ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان تۈركىيە، 5 – قېتىملىق ھەربىي ھەرىكەت ئۈچۈنمۇ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تاماملىدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سىگنال بەرگەن يېڭى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ نىشانى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى تەل رىفئەت، ئەين ئەلئەرەب، ئەين ئىسا ۋە ۋە مۇنبىچتۇر.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «ستولتېنبېرگ  تۈركىيەنىڭ بارلىق ئىتتىپاقداشلار ئۈچۈن مۇھىم بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ، تۈركىيەنىڭ جۇغراپىيەلىك ۋە ئىستىراتېگىيەلىك جەھەتتىن ھالقىلىق، بارلىق ئىتتىپاقداشلار ئۈچۈن مۇھىم بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىچىدىكى ھەرقانداق ئىتتىپاقداش دۆلەتكە قارىغاندا تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ ئەڭ كۆپ، توغرىراقى نەچچە ھەسسە ئارتۇق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان دۆلەتتۇر.»

«‹ساباھ› گېزىتى»، «چاۋۇشئوغلۇ  <پەلەستىننى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، پەلەستىننى قوللاشنىڭ تۈركىيەنىڭ مۇھىم خىزمەت كۈنتەرتپلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ پەلەستىن داۋاسىنى ئەڭ كۆپ قوللاۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مۇستەقىل ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتكە ساھىب بولۇش كۈرىشىدە داۋاملىق پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزنى قوللايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر