18.05.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1828784
18.05.2022

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە تەزىيە زىيارىتىدە بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ سابىق ئەمىرى شەيخ خەلىفە بىن زايىد ئەننەھياننىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن ئەبۇزەبىگە يېتىپ باردى. ئەردوغان، تەزىيە زىيارىتى دائىرىسىدە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۆلەت باشلىقى ۋە ئەبۇ زەبى ئەمىرى شەيخ مۇھەممەد بىن زايىد ئەننەھيان بىلەن  بىر يەرگە جەم بولدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «‹Bayraktar TB2› ئۇكرائىنادا ئىستىراتېگىيە ئويۇنىنى ئۆزگەرتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

رۇسىيە تەخمىنەن 3 ئاي ئىلگىرى قوزغىغان ئۇرۇشتا، تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى «Bayraktar TB2»، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ مۇداپىئە لىنىيەسىدە ئالدىنقى پىلانغا چىقىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئەنگىلىيە مەتبۇئاتلىرى، ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان ئۇكرائىنانى قوغداشتا 800 قېتىمدىن ئارتۇق ھۇجۇمنى ئىشقا ئاشۇرغان «Bayraktar TB2» سەۋەبىدىن، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ شىكايەتچى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيە تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسى ھەققىدە بايانات ئېلان  قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى سائۇلى نىنىستو، دۆلىتىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقى ۋە تۈركىيەنىڭ بۇنىڭغا قارىتا پوزىتسىيەسى توغرىسىدا «ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز» دېدى. شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ماگدالېنا ئاندېرسون بولسا، «تۈركىيە بىلەن ھەرقانداق شەكىلدىكى مەسىلىنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تەييارمىز» دېدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»،  «چوڭ ۋە كىچىك ھايۋانلار سانىدا تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ياۋروپا ئىستاتىستىكا ئىدارىسى (Eurostat) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، چوڭ ۋە كىچىك ھايۋانلار سانىدا تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«‹ستار› گېزىتى»، «رۇسلار تۇنجى قېتىم ئالدىنقى ئورۇندا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، 4-ئايدا رۇسىيەلىكلەرنىڭ تۈركىيەدە سېتىۋالغان ئۆي – مۈلۈك سانىنىڭ ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا% 186.6 ئېشىپ، 1152 كە يەتكەنلىكىنى، رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆي - مۈلۈك سېتىۋالغان چەت ئەللىكلەر تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر