17.05.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1828178
17.05.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ستار گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئەنقەرەگە رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىدنىڭ ھۇزۇرىدا، تۈركىيە-ئالجىرىيە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىدىغان كانچىلىق، مۇھىت، مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە مۇداپىئە سانائىتى ساھەلىرى بويىچە تۈزۈلگەن 15 كېلىشىمنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشنى تەلەپ قىلغان فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى پوزىتسىيەسىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ: «يەنە كېلىپ بىزگە ئېمبارگو يۈرگۈزگەنلەرنى قوللىيالمايمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ناتو باش كاتىپىنىڭ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «تۈركىيە ئىنتايىن مۇھىم ئىتتىپاقداش دۆلەت. شۇڭا، ھەر قانداق بىخەتەرلىك ئەندىشەسى ھەل قىلىنىشى لازىم» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيە ناتوغا ئەزا بولۇشىغا قىزغىن قارىمىغان شىۋېتسىيەدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللاش نامايىشلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ تۆۋەن قانىتىنىڭ ماركىسى ھېسابلىنىدىغان ئانادولۇ زېتنىڭ ئىستانبۇل سەبىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمىدىن ئىتالىيەنىڭ مىلانو ئايرودۇرۇمىغا ئايروپىلان سەپەرلىرىنى باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ھەپتىدە يەتتە كۈن ئىستانبۇل سەبىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمىدىن مىلانوغا ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىندى.     


خەتكۈچ: #ساباھ , #ستار

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر