29.04.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1820288
29.04.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ستار» گېزىتى: «ئەردوغان: بىز يېڭى دەۋرنىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىمىز (دېدى)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلىگەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئال سەئۇدنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «سەئۇدى ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلدۇق. تارىخىي، مەدەنىيەت ۋە ئىنسانىي رىشتىلەرگە ئىگە ئىككى قېرىنداش دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئارىمىزدىكى ھەر خىل سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىپ، يېڭى بىر دەۋرنىڭ يولىنى ئېچىشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى: «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئالدىنقى كۈنى رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا تۈركىيەدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان (مەھبۇس) ئالماشتۇرۇش مەسىلىسى ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى، سۆھبەت جەريانىدا، پۇتىننىڭ تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتقانلىقىنى يازدى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: «تۈركىيە ھاۋا بوشلۇقىغا كۆپ قېتىم دەخلى قىلغان گىرېتسىيەگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، باش ئەلچى تانجۇ بىلگىچنىڭ، گىرېتسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 26- 28- ئاپرېل كۈنلىرىدىكى تۈركىيە قىرغاقلىرىدىكى قۇترىتىش ماھىيىتىدىكى ئۇچۇشلىرى ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «جىددىيلىكنى باشلىغان ۋە كەسكىنلەشتۈرگەن تەرەپ گىرېتسىيە تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنى ئاساسسىز ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ ئەيىبلىشى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يېقىنقى مەزگىللەردە ھاسىل بولغان ئىجابىي قارالما ۋە ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىگە ماس كەلمەيدۇ» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«ۋەتەن» گېزىتى: «تۈركىيە بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشنى ۋاقتى بېكىتىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ،  تۈركىيە بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسىنىڭ 3 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ 2022- يىلى 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر