19.04.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1814511
19.04.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن (18-ئاپرېل) ئىپتاردا باش ئەلچىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە: «تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ھەم سۈرىيەدە ھەمدە ئىراقنىڭ شىمالىنىڭ خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن قەدەم تاشلاشتىن چېكىنمەيمىز. مەنبەسىنىڭ كىم ۋە قەيەر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىمىزنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز. تېررورلۇقنى دۆلىتىمىز، رايونىمىز ۋە بارلىق ئىنسانىيەت ئۈچۈن تېررورلۇق ئۇنسۇرى بولۇشتىن چىقىرىشتا قەتئىي قارارغا ئىگىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ شىمالىي ئىراقتا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى «پەنچە كىلىت ھەربىي ھەرىكىتى» نى باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ زاپ رايونىنى تازىلاپ، چېگرادىن 30-25 كىلومېتىر كېلىدىغان بىخەتەرلىك تېمى ھاسىل قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، تۈركىيە ئارمىيەسى باشلىغان «پەنچە كىلىت ھەربىي ھەرىكىتى» نىڭ ئەزەربەيجاندىمۇ قىزغىن قولاشقا ئېرىشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئەزەربەيجانلىق تەتقىقاتچى تۇران رىزايېۋنىڭ، «ئەرمېنىيە 27 يىللىق ئىشغال مەزگىلىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرىنى قاراباغقا ئورۇنلاشتۇردى. 44 كۈنلۈك ئۇرۇش جەريانىدا ئەرمېنىيە پ ك ك دىن ياردەم ئالغان بولۇپ، ئىراقنىڭ شىمالىدىن يۈزلەرچە تېررورىست ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قاراباغقا كەلگەن ئىدى. پ ك ك نىڭ مەغلۇبىيىتى ئەزەربەيجانغىمۇ پايدىلىق» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كوردىناتسىيەسى ئاستىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەت كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىش ۋە رايوندا ئۇۋا تۇتقانلىقى ئېنىقلانغان تېررورىستلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ھاككارىدا «2-ئەرەن قورشاۋ» ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، پولشا جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ كىملىكى بىلەن تۈركىيەدە ۋىزىسىز ساياھەت قىلالايدىغانلىقى ۋە ترانزىت ئۆتۈشتە بولالايدىغانلىقى توغرىسىدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك قارارىنىڭ، رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قارار بويىچە، پولشا پۇقرالىرى كىملىكى بىلەن تۈركىيەدە ۋىزىسىز ھەر 180 كۈندە 90 كۈن تۇرالايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر