26.01.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1768492
26.01.2022

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ تۇنجى قوراللىق ئىنسانسىز دېڭىز ئاپپاراتىنىڭ ئېتىش سىناقلىرى تاماملاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

يېڭى يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان قورال – ياراغ سىستېمىسى ئارقىلىق ھەربىي بازا ۋە پورتلارنى قوغداشتا ئىشلىتىلىدىغان تۈركىيەنىڭ تۇنجى تۇنجى قوراللىق ئىنسانسىز دېڭىز ئاپپاراتى (ULAQ) نىڭ يېڭى  قورال – ياراغ سىستېمىسى ئارقىلىق ئېتىش سىناقلىرى تاماملاندى.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «مىنىستىر ۋارانك مۇھىم باياناتلارنى بەردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مۇستافا ۋارانك، تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىقتىسادىي ۋە تېخنولوگىيەلىك مۇستەقىللىقىغا ئېرىشكەن بىر تۈركىيە بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «مىنىستىر دۆنمەز قارادېڭىز تەبىئىي گازى توغرۇلۇق ئېلان قىلغان باياناتىدا، يېڭى خۇش خەۋەرلەرنىڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى فاتىھ دۆنمەز، فېۋرالدا ساكاريا تەبىئىي گاز ساھەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا چارلاش مەقسىتىدە بۇرغىلاش پائالىيىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىر ئۈمىد چىرىغى ياندى، چۈنكى بۇ ساھە بىر - بىرىگە ئىنتايىن ئوخشاپ كېتىدۇ، ئاخىرقى ئاماسرا – 1 قۇدۇقىدىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر بۇرغىلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن.»

«‹ستار› گېزىتى»، «دوست دۆلەت بىلەن كېلىشىم ئىمزالاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، تۈركىيە بىلەن بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنا ئوتتۇرىسىدا ئورمانچىلىق ساھەسىدە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە «قېرىنداشلىق كېلىشىمى» ئىمزالاندى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «فاتىھ ئاردا ئىپچىئوغلۇ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە،  تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

قار تېيىلىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىۋاتقان مىللىي تەنھەرىكەتچى فاتىھ ئاردا ئىپىچئوغلۇ، 13 – نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە، 9 قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر