21.01.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1766043
21.01.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ» گېزىتى: «ئەردوغاننىڭ بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى باياناتلىرى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن سالۋادور پىرېزىدېنتى نايىب بۇكېلې بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا رۇسىيە - ئۇكرائىنا جىددىيچىلىكى توغرىسىدا توختىلىپ: «بىزنىڭ ئارزۇيىمىز (رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر) پۇتىن بىلەن (ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر) زېلېنسكىينى بىر يەرگە جەم قىلىش، يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى: «چاۋۇشوغلۇ رۇم تەرىپىگە نارازىلىق بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ، قىبرىس رۇم تەرىپىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش سىياسىي قانىتى بولغان پ ي د نىڭ ئۆز تەۋەلىكىدە ئىشخانا ئېچىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ: «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئىشخانا ئاچقۇزۇش، ئۇلارغا ساھىبخانلىق قىلىش ئوت بىلەن ئوينىشىشتۇر. ئۇلار بۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئىشخانا ئېچىشىغا يول قويۇۋاتىدۇ. كەلگۈسىدە بۇ يەردىن تۈركىيەگە تەھدىت سېلىنىپ، قىبرىس تۈركلىرىگە ھۇجۇم قىلىنىپ قالسا، بىز بۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەتكۈزىمىز، بۇ بەدەل ئېغىر بولىدۇ، ئۇلار ئوت بىلەن ئوينىمىسۇن، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتمىسۇن» دېگەنلىكىنى يازدى.

«ھۆررىيەت» گېزىتى: «مىنىستىر كوجا <بۇ دۇنيادا بىر يېڭىلىق بولىدۇ> دەپ ئېلان قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجانىڭ: « ئىككى قۇتا بىئونتېك ۋاكسىنىسىغا ئىلاۋە بىر قۇتا تۇركوۋاك ۋاكسىنىسى سېلىشنى باشلايمىز. MRNA نىڭ ئۈستىگە ئاكتىپلانمىغان ۋاكسىنا ئەملەش دۇنيادا تۇنجى قېتىملىق ئىش بولىدۇ» دېگەنلىكىنى يازدى.

«ستار» گېزىتى: «تۈركىيە بازىسىغا 6-قېتىملىق چارلاش سەپىرى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، (تۈركىيە) سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى مۇستاپا ۋارانكنىڭ يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن ئانتاركتىكاغا ئالتىنچى قېتىملىق ئېكىسپېدىتسىيە سەپىرىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «سىلەرگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، بىز 2017- يىلدىن بۇيان چوڭ قۇرۇقلۇققا 5 قېتىم ئىلىم - پەن ئېكىسپېدىتسىيەسى تەشكىللىدۇق. ئىنشائاللاھ، ئىككى كۈندىن كېيىن 20 كىشىلىك گۇرۇپپا بىلەن 6- قېتىملىق ئېكىسپېدىتسىيەمىزنى باشلايمىز» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«ۋەتەن» گېزىتى: «ئوسمانلى سۇلتانلىرىنىڭ ئەنگىلىيەدىكى رەسىملىرى 1 مىليون 346 مىڭ فوندستېرلىڭغا سېتىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، شوتلاندىيەلىك بىر قانچە ئەۋلاد بىر ئائىلە كىشىلىرى ياشاپ كەلگەن بىر ئۆينىڭ يۇقىرى قەۋىتىدىن تېپىلغان بەش ئوسمانلى سۇلتانىنىڭ ماي بوياق رەسىملىرىنىڭ بىر مىليون 346 مىڭ فوندستېرلىڭغا سېتىلغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر