20.01.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1765554
20.01.2022

 

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «ئەردوغان: تۈركوۋاك ۋاكسىناسى سايىسىدا بىز ئۆزىمىزگە تېخىمۇ ئىشەنچ بىلەن قارىماقتىمىز» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، كوۋىد-19 يۇقۇمىنىڭ يېڭى دولقۇنىدا پۈتۈن دۇنيانىڭ قېيىنچىلىقلىرى داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «سەھىيە سىستېمىسىمىز، دوختۇرخانا ۋە جىددىي داۋالاش بۆلۈملىرىمىز يۇقۇمغا قارشى كۈرەشتە كېرەكلىك ھەر خىل ئېھتىياجلارنى قاندۇرالايدىغان سەۋىيەدەدۇر. تۈركوۋاك ۋاكسىناسى سايىسىدا بىز ئۆزىمىزگە تېخىمۇ ئىشەنچ بىلەن قارىماقتىمىز» دېگەنلىكىنى يازدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۇكرائىناغا بارىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس باياناتچىسى ئىبراھىم كالىننىڭ: «تۈركىيە رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئوينالايدىغان ھەر قانداق رولنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار. بىز بۇنى ھەم رۇسىيە ھەم ئۇكرائىناغا دوست بىر دۆلەت شۇنداقلا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولۇش سۈپىتىمىز قىلىمىز. ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئىچىدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۇكرائىناغا بېرىپ پىرېزىدېنت زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشىدۇ» دېگەنلىكىنى يازدى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «شەنتوپ شەرقىي ئاق دېڭىز ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى مۇستافا شەنتوپنىڭ شەرقىي ئاق دېڭىز تۇرۇبا لىنىيەسى (EastMed) لايىھەسى ھەققىدە توختىلىپ، «بىز باشتىن-ئاخىر بۇ لايىھەنىڭ ئۇ شەكلى بىلەن سودا خاراكتېرلىك ئەمەسلىكىنى بىلەتتۇق. تۈركىيەگە دۈشمەنلىشىش نۇقتىسىدىنلا ھەرىكەت قىلىدىغان مۇنداق بىر لايىھەنىڭ سىياسىي مەقسەت بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى باشتىنلا ئېيتقان ئىدۇق» دېگەنلىكىنى يازدى.

«‹ستار› گېزىتى»، «گوللاندىيەدىن تۈركىيەگە مەدھىيە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى (SİHA) ھەققىدە گوللاندىيەنىڭ «NRC» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئانالىزدا، بايراقتار ت ب 2 ئۈچۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار» دېگەن تەرىپ ئىشلىتىلدى. ئانالىزدا يەنە، گوللاندىيەلىك مۇداپىئە مۇتەخەسسىسى ستىجېن مىتزېرنىڭ «بايراقتار ت ب 2  مەشغۇلات جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار» دېگەن سۆزلىرىگىمۇ ئورۇن ئاجراتتى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «دۇنيا پۇتبول چولپانلىرىنى ئارقىدا قالدۇردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

«Football Wonderkids» جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەييارلانغان تىزىملىككە ئاساسلانغاندا، ياۋروپا بىرلەشمىسىدە ئەڭ كۆپ ياردەمچى بولغان توپچىلار بېكىتىلدى. بۇ تىزىملىكتە تۈركىيەدىن كەلگەن يۇنۇس ئاقگۈننىڭ نامىنى ئالدىنقى پىلانغا چىقتى ۋە نۇرغۇن ياش چولپانلارنى ئارقىدا قالدۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر