19.01.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1764990
19.01.2022

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ۋەتەن› گېزىتى»، «تۈركىيەدىن خەلقئارا جامائەتچىلىككە بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنا چاقىرىقى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سېربىيەنىڭ بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللىشىنىڭ بالقان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەردىن يىراق تۇرۇش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولۇپ مۇنداق دېدى: «بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنادىكى كىرىزىسنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەممىگە ئايان.»

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «ئەردوغان، <ئۇرۇشنى سىياسەت تارىخىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىشىمىز لازىم> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىشى توغرا پوزىتسىيە ئەمەس» دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەنمۇ بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك، چۈنكى بۇ رايونلار ئەمدى ئۇرۇشنى قوبۇل قىلالمايدۇ، دەرۋەقە، بۇلار توغرىمۇ ئەمەس، ئەمدى ئۇرۇشنى سىياسەت تارىخىدىن ئۆچۈرۈپ تاشىلىشىمىز لازىم.»

«‹ستار› گېزىتى»، «ئەردوغان، <نېفىت تىنچلىقنىڭ ۋاسىتىسى بولسا، بۇ ۋاسىتىدىن پايدىلىنىشىمىز مۇمكىن> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

شەرقىي ئاقدېڭىزدە ئىسرائىلىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى يىتزاق ھېرتزوگ تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇشى مۇمكىن. بىز سىياسەتچىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى  تىنچلىق ئورنىتىشتۇر.  نېفىت تىنچلىقنىڭ ۋاسىتىسى بولسا، بۇ ۋاسىتىدىن پايدىلىنىشىمىز مۇمكىن. بۇ، <ھەممە تەرەپ قازانسۇن> پىرىنسىپىغا ئاساسلانسا، بىزمۇ قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.»

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى % 10 تىن ئاشىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى  ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيە ئىقتىسادىي ماسلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاينىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «2021 – يىلىنىڭ ئاخىرقى چارىكى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلار، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەدە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. بۇ دائىرىدە، تۈركىيەنىڭ 2022 – يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ % 10 تىن يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىشى كۈتۈلمەكتە.»

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»،  «تۈركىيەنىڭ ئويۇن ساھەسى 2022 – يىلىغىمۇ ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ھالدا قەدەم قويدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە 500 دىن ئارتۇق ئىستۇدىيەسى بىلەن يانفۇن ئويۇنلىرىنى لايىھەلەش، ياساش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى. 255 مىليون دوللارلىق يېڭى مەبلەغكە ئېرىشىشنى قولغا كەلتۈرگەن تۈركىيە يانفۇن ئويۇنلىرى شىركىتى Dream Games، سەرمايىسىنى 2 مىليارد 750 مىليون دوللارغا يەتكۈزۈپ، دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك يانفۇن ئويۇنلىرى شىركەتلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. Spyke Games  شىركىتى، 55 مىليون دوللارلىق مەبلەغكە ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر