18.1.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1764359
18.1.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئالبانىيە  باش مىنىستىرى ئەدى رامانىڭ تۈنۈگۈن (2022-يىلى 17-يانۋار) تىرانادا ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتە، ئالبانىيەدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «قولىدا بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنى بولغان بۇ قۇرۇلما، تۈركىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرگىمۇ تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە ئالبانىيەدىكى فەتھۇللاھچى قۇرۇلمىلارغا قارشى تېخىمۇ تېزلىكتە قەتئىيلىك بىلەن قەدەم تاشلىنىشىنى كۈتىمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن ئالبانىيەنىڭ لاچ شەھىرىدە، تۈركىيە سالغان يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرنى تاپشۇرۇپ بېرىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئالبانىيە باش مىنىستىرى ئەدى رامانىڭ مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، ئۆزىدىن ھەر دائىم رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بولغان يېقىن دوستلۇقى ھەققىدە سوئاللارنىڭ سورىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە، ئەدى رامانىڭ: «جاۋابىم ناھايىتى ئاددىي. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېپىدە تۇرىدىغان ۋە قىلغان ئىشلىرىنى سۆزلەيدىغان ئادەم. شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى، كۈنىمىزدىكى دۇنيادا ۋە دىپلوماتىيەسىدە-تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ، توغرىنى توغرا دەيدىغان، خاتانى خاتا دەيدىغان كىشىلەرنى تېپىش ئاسان ئەمەس» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ستار گېزىتى»، گىرۇزىيە بازارلىرىنىڭ تۈركىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان دورىلارغا ئېچىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، گىرۇزىيە باش مىنىستىرى ئىراكلى گارىباشۋىلىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارنامەنى ئىمزالىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، ئانتاليا خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا 2022-يىلى 1-يانۋاردىن 16-يانۋارغىچە بولغان ئارىلىقتا، جەمئىي 808 ئايروپىلان بىلەن 78 مىڭ 538 ساياھەتچىنىڭ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، 2021-يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرۇلغاندا ساياھەتچىلەر سانى ئۈچ ھەسسە دېگۈدەك كۆپەيگەن ئانتاليانىڭ، رۇسلار بىلەن گېرمانىيەلىكلەرنىڭئۆزىگە جەلپ قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر