17.01.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1763702
17.01.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ» گېزىتى: «غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ ئىقرارنامىسى! بىردىنبىر يول تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق (ئورنىتىش)» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مەركىزى بىريۇسسېلغا جايلاشقان «ياۋروپا ئىتتىپاقى كۆزەتكۈچىسى» گېزىتىنىڭ، «تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي جۇغراپىيەلىك ھەمكارلىق ئورنىتىشىنىڭ پەيتى كەلدى» دېگەن تېمىدا ئىقرارنامە دېيىشكە بولىدىغان بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ گېئو-ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق «تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش بىردىنبىر يول» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى:  «ۋاشىنگتون پوچتىسى بايراقتار TB2 گە بىرىنچى بېتىدىن ئورۇن ئاجراتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئامېرىكانىڭ «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ، تۈركىيەدە ئىشلەنگەن ئىلغار تېخنىكا — بايراقتار TB2 گە باش بېتىدىن ئورۇن ئاجرىتىپ، ئۇنىڭ ئادەتتىكى ھاۋا ئارمىيەلىرىنىڭ تەننەرخىنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى بىلەن دۆلەتلەرنى يوشۇرۇن ھاۋا كۈچى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، ھەمدە ئۇكرائىنالىق بىر ھەربىي مۇتەخەسسىسنىڭ «دۈشمەنگە ھېسسىي ۋە ھەقىقىي تەسىر كۆرسەتكۈچى ئامىل» دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىپ، بۇنىڭ موسكۋانى ئالاقزادە قىلىپ قويغانلىقىنى يازغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«ستار» گېزىتى: «قوشنىنىڭ TOGG مەدھىيەسى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئالقىش ۋە مەدھىيەلىرىگە ئېرىشكەن تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئاپتوموبىلى TOGG نىڭ پىكاپ مودېلىغا گىرېتسىيەنىڭمۇ يۇقىرى باھا بەرگەنلىكىنى، گىرېتسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە: «تۈركلەر ياۋروپانى بويسۇندۇرۇشقا تەييار، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان TOGG ئارقىلىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ» دەپ يازغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«ۋەتەن» گېزىتى: «تېكنوفېست (تېخنولوگىيە فېستىۋالى)نىڭ پەن - تېخنىكا شامىلى ئەزەربەيجاندا ئۇرغۇيدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى ۋە تېخنولوگىيە فېستىۋالى بولغان تېكنوفېستنىڭ بەشىنچى يىلىدا دۆلەت چېگراسىدىن ھالقىپ خەلقئارا ئۆلچەمگە يەتكەنلىكىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 5- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن 29- كۈنىگىچە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان  تېكنوفېست، تېخنىكا ، ئىلىم- پەن ، رىقابەت، ھاياجانلىنىش ، دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق ھېسسىياتىغا تولغان بىر فېستىۋال ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

«ھۆررىيەت» گېزىتى:  «تۈركىيە يۇقۇم مەزگىلىدە ئويۇن ساھەسىدە بۆسۈش ياراتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ ئويۇن تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە گەۋدىلىنىشكە باشلىغانلىقىنى، 2021- يىلى ئامېرىكادىكى ئەڭ ئالقىشقا سازاۋەر 100 كۆچمە ئويۇننىڭ 20 پىرسەنتىنىڭ تۈركىيەدە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئويۇنلار ئىچىدىن تاللانغانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر